قىش پەسلى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل. ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى نەپەس سىستېمىسى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئاساسلىقى نەپەس يولىدىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئەگەر بالىدا داۋاملىق بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇش، يۇقىرى قىزىتما يانماسلىق، روھى ئاجىز بولۇش، ئۇيقۇسى كۆپ بولۇش، ئىشتىھاسى كۆرۈنەرلىك ئازىيىش، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش، داۋالاش جەريانىدا كېسەللىك ئەھۋالى تەكرارلىنىش ياكى ئېغىرلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى كېرەك.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
来源:中央广播电视总台
监制:阿尔帕提·玉山江
翻译、视频:西任古丽·托乎地
微信编辑:西任古丽·托乎地
www.uycnr.com