شى جىنپىڭ بىرازىلىيەلىك دوست ئەربابلارغا جاۋاب خەت يازدى

时事   2024-11-12 11:21   北京  

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بىرازىلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوست ئەربابلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى جۇڭگو-بىرازىلىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشقانلىقى، ئىز باسارلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، تاغ-دەريالاردىن ھالقىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. جۇڭگو بىرازىلىيە بىلەن ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ دەۋر خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، تەڭ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بىرازىلىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مەنزىرىسىنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە دوستلۇقىنى چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن ئامازون دەرياسىغا ئوخشاش ئۆركەشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، بىرازىلىيە سان پاۋلو ئىشتاتى كامپىناس شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئېنرىك تېيشېيرا، بىرازىلىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى، بىرازىلىيە سان پاۋلو داشۆسى ۋە سان پاۋلو ئىشتاتلىق داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، رىئودې ژانېيرو كوپاكابانا قەلئە ئوركېستىرى قاتارلىق بىرازىلىيەلىك يۈزدىن ئارتۇق دوست ئەرباب رەئىس شى جىنپىڭغا ئايرىم-ئايرىم خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ۋە شۇ جاينىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.





来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对|阿地力·阿布来提

翻译|阿曼古丽艾比布拉

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章