شى جىنپىڭ «پېشقەدەم تەشۋىقاتچىلار ئۆمىكى»گە جاۋاب خەت يازدى

时事   2024-11-05 11:43   北京  

شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرى ياڭپۇ رايونىدىكى «پېشقەدەم تەشۋىقاتچىلار ئۆمىكى»دىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش، ئىناق، گۈزەل شەھەرنى بىرلىكتە قۇرۇش، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياڭپۇ رايونىدىكى «پېشقەدەم تەشۋىقاتچىلار ئۆمىكى»دىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىلەر ئۆز كەچۈرمىشىڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە تارىخنى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى شاڭخەي شەھىرىدە يۈز بەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردىڭلار، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش. 
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش كېرەك. سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى جانلىق ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنىڭ خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر قۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىناق، گۈزەل شەھەرنى بىرلىكتە قۇرۇپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 
2019-يىلى 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى قېتىم «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش» دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى، كېيىن كۆپ قېتىم شاڭخەي خەلقىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.  «پېشقەدەم تەشۋىقاتچىلار ئۆمىكى» ئۇزۇن مەزگىل شاڭخەينىڭ ياڭپۇ رايونىدا خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى، خەلق شەھىرى ئىدىيەسى قاتارلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. يېقىندا، بۇ ئۆمەكتىكى بارلىق يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، تەشۋىق قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي خەلقىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|帕提古丽买买提

翻译|伊明司马义

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章