شى جىنپىڭ ئادەم سوقۇۋېتىش دېلوسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

时事   2024-11-13 11:37   北京  

شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەملەرنى سوقۇۋېتىش دېلوسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، خېيىم-خەتەرنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، چېكىدىن ئاشقان دېلو يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، لى چياڭ تەستىق سالدى
11-نويابىر كەچتە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرى شياڭجۇ رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەملەرنى سوقۇۋېتىش دېلوسى يۈز بەردى، ھازىرغىچە 35 ئادەم قازا قىلدى، 43 ئادەم ئېغىر يارىلاندى.
دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرى شياڭجۇ رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەملەرنى سوقۇۋېتىش دېلوسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولدى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ. يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، قازا قىلغانلار، يارىدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش لازىم. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان دېلولارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېلونى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەم قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش؛ ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، خېيىم-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپ ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىغا ئاساسەن، مەركەز خىزمەت گۇرۇپپىسىنى شۇ جاينىڭ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە جۇخەي شەھىرى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، دېلونى رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈش، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章