ئىمران مەمەت U19 دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
يېقىندا، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى U-19دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2024- يىللىق 7- قارارلىق مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭلىق توپچى ئىمران مەمەت تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈش 2025- يىللىق ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى U20 ئاسىيا لوڭقىسى ۋە 2028- يىللىق لوس-ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگو U-19 دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 11- ئاينىڭ -7كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە چېڭدۇ شەھىرىگە بېرىپ مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈشكە تەشكىللىنىدۇ ھەم 2024- يىللىق CFA جۇڭگو كوماندىسى مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى خەلقئارا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. ساھىبخانا مەيدانىدا ئاۋسترالىيە U-19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى، قىرغىزىستان U-19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى، موڭغۇلىيە U-19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ.
ئىمران مەمەت، 2005- يىل 5- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ھازىر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى شەندۇڭ تەيشەن پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تېخنىكا ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھۇجۇم نۇقتىسىدا بىر تېپىك بىلەن پاس بېرەلەيدۇ، سۆرەلمىلىك قىلمايدۇ، مۇداپىئەدە بەدىنى كۈچلۈك بولۇپ، قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توسۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توپنى مۇقىم، دەل جايىدا ۋە قاتتىق توسىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى