ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئىشغالىيىتىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك

文摘   2024-11-24 19:32   新疆  

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن زېمىنىنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەلقئارا سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىر مەسلىھەت بېرىش پىكىرىنى ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن زېمىنىنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. 

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ب د ت يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ مەسلىھەت پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ناۋاف سالام ئوقۇغان مەسلىھەت پىكىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، شۇڭا ئىسرائىلىيە قانۇنسىز ئىشغال قىلىشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى قۇرۇش قىلمىشىمۇ ئوخشاشلا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، بارلىق ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىشى ھەمدە بارلىق ئولتۇراقلاشقانلارنى چېكىندۈرۈشى كېرەك. ئىسرائىلىيە يەنە پەلەستىننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىدىكى «بارلىق تەبىئىي ئادەم ياكى قانۇنىي ئىگە»لەر ئۇچرىغان زىياننى تۆلىشى كېرەك. 

مەسلىھەت بېرىش پىكىرىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بارلىق دۆلەتلەر ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىغا بولغان قانۇنسىز ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلسا بولمايدۇ، بارلىق دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىدا قانۇنسىز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم قىلسا بولمايدۇ.

مەسلىھەت بېرىش پىكىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زىمىنىنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت يىغىنى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مۇراجىئەت قىلدى. 

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ب د ت نىڭ ئاساسلىق ئەدلىيە ئورگىنى بولۇپ، ب د ت ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنىي مەسىلىلەرگە قارىتا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان مەسلىھەت پىكىرلىرىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ. 2022-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ب د ت يىغىنى قارار ماقۇللاپ، خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىش مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان قانۇنىي ئاقىۋەت توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 

بۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ب د ت يىغىنىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن پەلەستىننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنى مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىم مەسلىھەت بېرىشى. 2004-يىلى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئايرىش تېمى سېلىشىنى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەمدە چېقىۋېتىش كېرەك» دەپ كېسىم چىقارغان، ئەمما ئايرىش تېمى ھازىرغىچە مەۋجۇت. 


       بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




KUZATQI
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章