ھىندىستان تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىۋاتقان دۆلىتىمىز زىمىنى

文摘   2024-11-15 19:19   新疆  




تارىخچىلار


مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى


 جۇڭگونىڭ ھازىرقى زېمىنى كۆلىمىنىڭ توققۇز مىليون ئالتە يۈز نەچچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بۇ جەھەتتە جۇڭگومۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق چوڭ دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ.  ئەگەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەر يۈتۈپ كەتمىگەن بولسا، جۇڭگونىڭ زېمىن كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان بولاتتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىزچىل زېمىننى قايتۇرۇۋېلىشقا كۈچ چىقارغانىدى، بىراق ھازىرغىچە جۇڭگوغا تەۋە نۇرغۇن زېمىن قايتۇرۇۋېلىنمىدى.

  يەر شارىدا، كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر پارچە يەر بار، ئۇنىڭ كۆلىمى شاڭخەي شەھىرىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ھازىرغىچە قايتۇرۇۋېلىنمىدى،ھەم دۆلىتىمىز  ۋاز كەچمىدى.  نېمىلا دېگەن بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىر دۆلەتنىڭ ئاساسى، بىز چوقۇم زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىمىز كېرەك، بىزگە تەئەللۇق بولغانلىرىنى كەلگۈسىدە چوقۇم قايتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك.   تېخى ۋاز كەچمىگەن بۇ زىمىن لاداق دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىلگىرى جۇڭگو شىزاڭدىكى ئەڭ غەربى جاي، زاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇسى ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ھىندىستاننىڭ قولىدا، لاداقنىڭ كۆلىمى 45 مىليون 100 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، كىچىك شىزاڭ دېگەن نامى بار.

  تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، لاداق جۇڭگو شىزاڭنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەزىرلەرنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىغان شىزاڭ تەۋە بولغان، لېكىن 1834-يىلى، ئەنگىلىيە شىك ئىمپېرىيىسىنىڭ لاداق پادىشاھلىقىغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، لاداق شۇنىڭدىن باشلاپ چەتئەلنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.  گەرچە چىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ لاداق چەت ئەلنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئەزەلدىن ئىشغال قىلىنغان بۇ يەرنىڭ چەت ئەلگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان، 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ھىندىستان تەرەپ غەربىي بۆلەكتىكى جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىنى ئايرىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ رەددىيە بېرىشىگە ئۇچرىدى، شۇڭا بۈگۈنكى كۈنگىچە جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى يەنىلا ھەل بولماي كەلدى.  

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ دىنىدا غايەت زور زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەم ئەشەددى دۈشمەن بولۇپ قالغان، لېكىن بۇ ھەقتە لاداق ئىزچىل بىتەرەپ ھالەتتە تۇرماقتا.  دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ھىندىستان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرگەن، ئۇلار لاداق مەسىلىسى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولدى دەپ جاكارلىدى، ھەمدە لاداق ئەسلىدە ھىندىستاننىڭ زېمىنى دەپ قارىدى، يۈز نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، جۇڭگو ئەزەلدىن بۇ يەردىن ۋاز كەچمىدى، پەقەت بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ھىندىستان ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئېلان چەكسىڭىز دۆلىتىمىز چۇقۇم تىزلا ئۆز زىمىنىنى قايتۇرۋالىدۇ 


ئەڭ نادىر مەزمۇنلار مۇشۇ سالۇندا

KUZATQI
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章