ت.1986-يىلى ئامىرىكىنىڭ ئۈچ دان ھەربىي پاراخوتى ئۆز ئىززەت ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئۆز پاراخوتىغا ئېسىشقا مەجبۇر بولغان.ھەقىي ئەھۋال زادى قانداق؟
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىر قاتار سېسىق مەشغۇلات لار قوشۇلۇپ، مەسىلەن، مارشال پىلانى، برېتون ئورمان سىستېمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. ئۇ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، تەرەپ ـ تەرەپكە قاتراپ قۇتراتقۇلۇق قىلغاچقا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامىرىكىغا قارشى چىقىشقا جۈرەت قىلالمىدى.
، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرى ئۇ تۇنجى قېتىم ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، ئويلىمىغان يەردىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىزگە ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى نامايان قىلماقچى بولغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئەينى چاغدا ئەمەلىي كۈچى تېخى گەۋدىلىك بولمىغان دۆلىتىمىز باش ئەگمەي، ئەكسىچە خېلى قاتتىق ھالدا قارشى تەدبىر قوللانغان.
بۇ ئىش 1986ـ يىلى يۈز بەرگەن، يەنى جۇڭگو ـ ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 7ـ يىلى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىملىق زىيارەتنى باشلىغان. تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ باش قوماندانى ئۆزى باش بولۇپ لېئونس لېۋىس ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى، ئوردېندوف ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت، لېنز ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ھەربىي پاراخوت، 900 گە يېقىن ئوفىتسېر ـ ئەسكەرنى باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ داليەن ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭداۋغا يېتىپ بېرىپ، بىر ھەپتىلىك دوستانە زىيارىتىنى باشلاشنى پىلانلىدى.
بۇ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم كۈتۈۋېلىشى ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ دېڭىز ئارميىمىز سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئالايىتەن ئەڭ يۇقىرى قائىدە ـ يوسۇننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى نامايان قىلدى.
ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، زىيارەتكە كەلگەن ئۈچ ئامېرىكا پاراخوتى دۆلىتىمىزگە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە ئەدەپسىزلىك قىلدى.
خەلقارا قائىدە بويىچە، بىر دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى باشقا دۆلەتتە زىيارەتتە بولغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئۆز پاراخوتلىرىغا ئېسىپ ساھىبخان دۆلەتكە ھۆرمەت بىلدۈرۈشى كېرەك، بۇمۇ ئەڭ ئاساسىي خالقئارالىق قائىدە ـ يوسۇن. دائىم ھەربىي پاراخوتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە قاتراپ يۈرىدىغان ئامېرىكىنىڭ بۇنى بىلمەسلىكى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئەمما زىيارەتكە كەلگەن لىۋىس ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى ھەمدە ئىككى مۇھاپىزەت پاراخوتى قائىدىگە ئەمەل قىلمىدى،
ئەينى چاغدا ئېلىمىز بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچ پەرقى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا دۆلىتىمىزمۇ نىسبەتەن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان تەرەپ بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندا، مۇشۇنداق ئەدەپسىز قىياپەتكە كىرىۋالغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم دۆلىتىمىزگە ھەيۋە كۆرسىتىپ، زومىگەرلىك ئوبرازىنى تىكلەپ، كېيىن تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا قولايلىق يارىتىشنى ئويلىغان بولىشىمۇ مومكىن.
ئەمما ئېلىمىز خالىغانچە ئەدەپسىزلىك قىلسا بولىدىغان دۆلەت ئەمەس ، شۇ ھامان دۆلىتىمىز كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامىرىكا دېڭىز ئارمىيسىگە مۇنداق ئىككى تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرى، بۇ ئۈچ پاراخوت دەرھال جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش، يەنە بىرى، دەرھال جۇڭگونىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىش.ئەگەر ھەر ئىككىلىسىنى قىلمىسا خەلىق ئازادلىق ئارمىيسى تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئېلىمىزنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى گەرچە جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچى يەنىلا ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن بوزەك قىلىش ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېنىق ھېس قىلدى بەلكىم چاۋشىيەن ئۇرىشى مەيدانىدىكى مىڭلىغان ـ تۈمەنلىگەن ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جۇڭگۇ پىدائىيلار ئارمىيىسىنى ئەسلىگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار ياۋاشلىق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بايراقنى ئۆز پاراخوتلىرىغا ئاستى، دوستانە زىيارەت رەسمىي باشلاندى.
گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ قاتتىق قوللۇقى ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ۋاقتىنچە يۇمشاق قوللۇققا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر رېئاللىقنى ئاشكارىلاپ بەردى، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا بىزنى ئوخشاش بىر ئىگىلىك ھوقوقلۇق دۆلەت قاتارىدا كۆرمەي، بەلكى بويسۇندۇرۇش نى ئويلايدىغان ئوبيېكت دەپ قاراپ، بۇ خىل كىچىك ۋاسىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنى ئاستا ـ ئاستا باش ئېگىشكە مەجبۇرلىماقچى بولغان.لېكىن ئۇلارنىڭ خام خىيالى ئەمەلگە ئاشمىدى.
لېكىن ھازىر ئامىرىكا بۇنداق قىلىشقا جۈرەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنچە كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلىتىمىز دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي كۈچى سانسىزلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. مۇشۇنداق بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، ھەرقانداق ئادەم سەل قاراشقا جۈرەت قىلالمايدۇ، بىزنى بوزەك قىلىشقا تېخىمۇ جۈرەت قىلالمايدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر يېقىندا پارلامىنتا سۆزلىگەن دوكلاتىدا، جۇڭگونىڭ تەھدىت دەرىجىسى نى رۇسىيەنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئامىرىكا ئۈچۈن جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىدى، بۇ گەرچە ئادەمنى بىئارام قىلسىمۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بىز ئەزەلدىن ھېچكىمگە تەھدىت سېلىش مەقسىتىمىز يوق، ھېچكىمگە تەھدىت سېلىش ھەركىتىنى قىپمۇ باقمىدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ دېپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى خەلقئارادا ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك دەرىجىدە ناھايتى مۇلايىم، لېكىن ئامىرىكىنىڭ دۆلىتىمىزنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارۋېلىشى ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇمۇ ئامىرىكىنىڭ بىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىمىزگە بولغان بىر خىل ئېتىراپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزمۇنلارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ، بايقىلىپ قالسا بىۋاسىتە پاش قىلىمىز ، سالونىمىزدىكى مەزمۇنلار دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق خەۋەر تور بىكەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىنىدۇ، تەرجىمە قىلىنغان تىما ۋە مەزمۇن تەرجىماننىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
سۈرەتلەر ۋە كۆرۈنمە چاستوتا توردىن رەتلەپ يوللاندى ، ئەگەر سۈرەت ھوقۇقىغا تەھلىل قىلىنغان بولسا ، دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىدۇ!!!