فىرانسيەنىڭ بۇ پادىشاھى بىر ئۆمۈر يۇيۇنمىغان،بەدىندىكى پۇراق ئون

文摘   2024-11-21 16:57   新疆  



پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

   

لۇئى 14 بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقوقدارى، سانسىزلىغان پۇقرانىڭ خانى، يۈكسەك ھوقۇق ۋە مەرتىۋىگە ئىگە. لېكىن ئۇنىڭ شەخسى تازىلىق مەسىلىسىگە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە چىداپ تۇرالمايدۇ. ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە، بىر ئۆمۈر يۇيۇنۇپ باقمىغان. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى پۇراقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. خۇددى يېرىم ئاي يۇيۇلمىغان سېسىق پايپاق، ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ جەسەتلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن پۇراققا ئوخشايدۇ. لۇئى 14 نىڭ بەدەن پۇرىقى زادى قانچىلىك ئېغىر؟ ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، كىشىلەر 10 چاقىرىم (5كىلومىتىر) يىراقلىقتىن بۇ پۇراقنى پۇرىيالىغان. بۇ قارىماققا بىر بىئوخىمىيىلىك قورالغا ئوخشايدۇ. 

ئۇنداقتا ئۇ راستتىنلا شەخسى تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەمدۇ؟  ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس. لۇئى 14 نىڭ يۇيۇنماسلىقىدا ئىككى خىل سەۋەب بار.  بىرىنچىسى، ئەينى چاغدا قارا ئۆلۈش كېسەل دەپ ئاتىلىدىغان ۋابا تارقالغان، ھازىر «چۇما» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  بۇ ۋابا ئەينى ۋاقىتتا ياۋرۇپاغا غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن ياۋروپانىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ئاھالىسى بۇ كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئەينى چاغدا تېببىي بىلىم كەمچىل بولغاچقا، دوختۇرلارمۇ بۇنىڭغا ئامالسىز قالغان. قارا ئۆلۈش كېسىلى ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدىغان بولغاچقان كۆپلىگەن كىشىلەر يۇيۇنماسلىق ئارقىلىق بۇ كېسەلدىن ساقلانماقچى بولغان. ئۇلار، ئادەم يۇيۇنسا تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ، ئاسانلا قارا كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، دەيدىغان ئەخمىقانە يەكۈننى تېپىپ چىققان. ئاقىلانىلىك بىلەن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر دەسسىۋەتسىڭىز...

ھازىرقى ۋاقىتقا نىسبەتەن بۇ يەكۈن پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.  لېكىن شۇ چاغدىكى مۇھىتتا بۇ سۆز كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئۆلۈم ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە، ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان ئاقىلانە قارىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. لۇئى 14 نىڭمۇ ئۆلگىسى يوق، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۇيۇنماسلىق ھاياتى باشلانغان. 

ئۇنىڭ يۇيۇنماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئۇنىڭ ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لۇئى 14 كاتولىك دىنى مۇخلىسى. كاتولىك دىنى ئىچىدە مۇنداق بىر خىل قاراش بار. قانچە يۇيۇنمىغانسېرى، شۇنچە ئىخلاسمەن كۆرۈنىدۇ. يۇيۇنۇش كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خىل چۈشكۈنلىشىشنىڭ ئىپادىسى.  ھەتتا، يۇيۇنۇش قەلبىنى پاك قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا لۇئى 14 يۇيۇنماسلىقىنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ. لۇئى 14 نىڭ بەدەن پۇرىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ. لېكىن ئەينى چاغدا، فرانسىيىنىڭ چوڭ مۇھىتىدا، ئاساسەن ھەممە ئادەم دېگۈدەك شۇنداق ئىدى. بىراق لۇئى 14 ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نەچچە ئون يىل يۇيۇنمىغاچقا زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتتى. ھازىر بۇ بىچارە پادىشاھقا ھەممەيلەن ئېلاننى بىر چىكىپ ئۈچ سىكونت تەزىيە بۈلدۈرەيلى...


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹





KUZATQI
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章