قۇسەي قوراللىقلىرى يەنە بىر قېتىم قول سېلىپ، قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا ئارمىيەسىگە شىددەتلىك زەربە بەردى، ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى يۈزى قېلىنلىق قىلىپ ئازادلىق ئارمىيەگە يېقىنلىشىپ، «قوغداش» ئۈستىدە ئىزدەندى؟ نەق مەيداندا نېمە ئىش بولدى؟ جۇڭگو تەرەپ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشنى ئالتە خەت بىلەن كۆرسىتىپ بەردى !
ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىيلىشىۋاتقان پەيتتە، قىزىل دېڭىزدىمۇ يەنە بىر قېتىم يېڭى ئەھۋال كۆرۈلدى.
يېقىندا يەمەندىكى قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ باياناتچىسى سارېيا ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى ۋە ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوتىغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، زەربە بېرىش 8 سائەت داۋاملاشقانلىقىنى ئېيتتى.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بىراق قۇسەي قوراللىقلىرى ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوتقا پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بەشنى، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئۈچنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن سەككىزنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، ھېچقانداق زەخمە پەيدا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قارىماققا، ئامېرىكا تەرەپ ناھايىتى تەمكىن ئىنكاس قايتۇردى، لېكىن نەق مەيداندىكى ئەھۋال راستىنلا شۇنداقمۇ؟
سودا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دەپ گۇمان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوتى قىزىل دېڭىزدىن ئاستا ئايرىلىپ، ماندې بوغۇزىدىن ئۆتكەندە ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ 46-تۈركۈمدىكى ئەدەن قولتۇقىدىكى دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتىگە چاپلىشىپ داۋاملىق ئىلگىرلىگەن.
قىزىقارلىقى شۇكى، ئامېرىكىلىق تورداشلار خىجىل بولماي، ھازىر ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى يېنىمىزدا، جۇڭگو فىلوتى چوقۇم ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ، دەپ جار سالدى.
شۇنى بىلىش كېرەككى، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى ئىزچىل ئېنىق، ئازادلىق ئارمىيە بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.
قىزىل دېڭىز كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، قۇسەي قوراللىقلىرى جۇڭگونىڭ ھەرقانداق پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بەرگەن.
روشەنكى، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى قۇسەي تەرىپىدىن «تەرەپ-تەرەپكە قاچقان» چاغدا، يۈزى قېلىنلىق قىلىپ ئازادلىق ئارمىيە سېپىگە چاپلىشىپ، قۇسەينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، چاشقانغا ئوق ئاتقان.
شۇنداق دېمەي تۇرالمايمىزكى، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ چوتنى ھەقىقەتەن قاتتىق سوقۇۋەتتى، غەرب دۆلەتلىرى بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەقىقەتەن «كۆپ قېتىم سىناپ باقتى».
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە سودا پاراخوتلىرى قۇسەي قۇراللىقلىرى قىزىل دېڭىزنى قامال قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو سودا پاراخوتلىرى ئارىسىدا «ئارىلىشىپ» قىزىل دېڭىزدىن بىخەتەر ئۆتكەن، ھەتتا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پاراخوتلىرى قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەندە جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىپ قويسىمۇ زەربىگە ئۇچرىمىغان.
ئېنىقكى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو پاراخوتلىرىنى «قالقان» قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
شۇنداق دېمەي تۇرالمايمىزكى، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، جاھانغا پاتماي قالغان ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنىلا «ساپما كەش ئارمىيىسى» دەپ ئاتالغان قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ قاچتى، ھەقىقەتەن پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا يۈزى تۆكۈلدى.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي بىر قاتلامدا ئەمەس. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قۇسەي ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنى تولۇق قۇلۇپلىيالمىغان ھەمدە ئۇنىڭغا زەربە بېرەلمىگەن.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قۇسەينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى يېقىنقى بىر قېتىمدا ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ 200 مېتىر يىراقلىقتىكى ئورنىغا چۈشۈپ، تەگكىلى تاس قېلىپ، ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنى يىراقتىكى ئورۇنغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان.
بەش بۇرجەكلىك بىنا ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ۋە دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ قۇسەينىڭ پاراخوتلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ئاجىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېتىراپ قىلغان.
ئەكسىچە قۇسەي قوراللىقلىرى خۇددى «ئۆلمەس شياۋچياڭ» غا ئوخشاش ئامېرىكا ئارمىيەسىنى تېخىمۇ ھالسىرىتىپ قويدى.
شۇڭا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى ھازىرقى ھالىتى شۇكى، دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئۇ يەردە سەرپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
بۇ يەنە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە داۋاملىق ئوت يېقىۋاتقان «ئايلانما خەنجەر» سى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەگدى، ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىق قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىدە قىيىن مەسىلە شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
قىزىل دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىنى، يەنى «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» نى ئوتتۇرىغا قويدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : قىزىل دېڭىز سۇ دائىرىسى خەلقئارا مال ۋە ئېنېرگىيە سودىسىدىكى مۇھىم يول، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.
قىزىل دېڭىز كىرىزىسىنىڭ مەنبەسى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشى بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بۇ جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان، ئامېرىكا قىزىل دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن ساقلانماقچى بولسا، يەمەنگە زەربە بېرىشنى توختىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشنى توختىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى