[ يەر شارى تورى خەۋىرى مۇخبىر جياڭ ئەيلىڭ ] رېيتېر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا «سىياسىي ئاخبارات تورى» ( Politico ) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىمزاسىز بولۇشنى تەلەپ قىلغان ئىككى نەپەر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىدېن ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۇكرائىنانى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىخەتەرلىك ياردەم مەبلىغىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسمى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئىككى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ پىلان ئاق ساراينىڭ ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان بىردىنبىر تاللىشى، ئەمما يەنىلا غايەت زور مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ياردەم بېرىش لايىھەسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر نەچچە ئاي ۋاقىتتا ئاندىن ئوق-دورا ۋە قورال-ياراغلارنى ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يولغا قويۇلىدىغان ھەرقانداق ياردەم كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئاندىن تولۇق يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىن، تىرامپ بۇ ماددىي ئەشيالار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن توختىتىشى مۇمكىن.
خەۋەردە داۋاملىق مۇنداق دېيىلدى : ئامېرىكىنىڭ بۇ ياردەملەرنى تېز سۈرئەتتە تەمىنلىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق توسالغۇ شۇكى، ئامېرىكا پەقەت ئامباردا ساقلىنىۋاتقان ئەسلىھەلەرنىلا تەمىنلىيەلەيدۇ. ھازىر ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق خامچوت ئەمەلدارى مارك كانشىئان مۇنداق دېدى : «ھۆكۈمەت ئامبار زاپىسىنى ئىشلىتىپ، قورال-ياراغلارنى تېخىمۇ تېز توشۇسا بولىدۇ، لېكىن بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇنداق قىلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى چارلىز دىتىس ئىپادە بىلدۈرۈپ، بەش بۇرجەكلىك بىنا «پىلان بويىچە داۋاملىق ھوقۇق بېرىلگەن ياردەم بىلەن تەمىنلەپ ئۇكرائىنانى قوللايدۇ»، «بىز كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياردەم بېرىشنى مۆلچەرلىدۇق» دېدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر نامسىز يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى پىلان بىدېننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن يولغا قويۇلىدىكەن، بۇ ئۇكرائىنانى ئەڭ پايدىلىق ئورۇنغا ئىگە قىلىدىكەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقى تىرامپنىڭ بىدېننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ياردىمىگە ئىزچىل تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى تىلغا ئالدى، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاق ساراي، كېڭەش پالاتاسى ھەتتا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇكرائىنا زېلېنسكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاق ساراي بۇنىڭغا قارىتا چۈشەندۇرۈش تەلىپىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىغان.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم، ئەگەر مەن يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانسام، بىر كۈن ئىچىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا قارىتا، رۇسىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نېبيەنجيا يېقىندا مۇخبىرغا : «ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ بىر كۈن ئىچىدە ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
ترامپ 6-چېسلا سەھەردە 2024-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، سايلىغۇچىلار بېلىتىنى رەسمىي ساناپ، سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى ئىسپاتلايدۇ ھەمدە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ. يېڭى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ ئىجادىي تەييارلاۋاتىمىز! ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹