سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى، لېكىن ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان بەزى نەرسىللىرى ھازىرغىچە تارقالدى، مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى يىلى ئۆتكۈزگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىر، بۇ مانېۋىرنىڭ نامى غەرب-81 بولۇپ، مانېۋىر جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى سەككىز كۈن ئىچىدىلا ياۋروپانى سۈپۈرۈپ تاشلىيالايدۇ دەپ بىلدۈرگەن، جۈملىدىن تەكلىپ بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا بارغان ئامېرىكا گېنېراللىرى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىچىدە ئازراق قورقۇنچ پەيدا بولغان، ئۇنداقتا بۇ مانېۋىر زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟
بۇ مانېۋىر 1981- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بىڭتۇەننىڭ ماشىنىلاشقان ئۇرۇش تەجرىبىسى بار دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا پەقەت گېرمانىيىلا بار ئىدى. لېكىن گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنى تەشكىللەشكە يېتەرلىك ئەمەلىي كۈچى يوق ئىدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك ماشىنىلاشقان ئۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى مانىۋېردا، ئۇلارنىڭ نامايەن قىلغان ئەمەلىي كۈچى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى
بۇلارنىڭ ئىچىدە تى-80 نۇرغۇن دۆلەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، بۇ تانكىنىڭ ئونۋېرسال ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش پادىشاھى دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ قېتىم 1500 تانكا، 2000 برونېۋىك، 128 مىڭ ئەسكىرىي كۈچ ئەۋەتكەن، مانېۋىر جەريانىدا ئادەتتىكى زەربىدىن باشقا، 141 قېتىم يادرو زەربىسى قىلغان
ھازىرقى دۇنيادا يادرو قوراللىرى جەھەتتە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى تىلغا ئالساق، نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال رۇسىيەنى ئويلايدۇ، رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللار ئامبىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغىنى پەقەت شۇلارنىڭ بىر قىسمى، شۇنداق بولسىمۇ رۇسىيە يەنىلا دۇنيادىكى بىرىنچى يادرو چوڭ دۆلىتى بولالايدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى چاغدىكى يادرو قوراللىرى جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى كۆرەلەيمىز
ئېلاننى چېكىپ قويساڭلار مەنمۇ سىلەردىكى مىننەتدارلىقنى كۆرگەن بولاتتىم
يەنە كېلىپ يادرو تەھدىتىنى ئويلاشمىغان تەقدىردىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىرتقا كۆرسەتكەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۈچىمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ساراسىمىگە سالالايدۇ. بولۇپمۇ ئاشۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئارىلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بەك يېقىن بولغاچقا شۇڭا تېخىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹