ئامېرىكىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئوتتۇرا شەرىققە يىتىپ كەلدى

文摘   2024-11-09 17:51   新疆  

خەلق تورى  قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-نويابىر، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ F-15E كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئەنگلىيەدىن ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە رېيكېنخېس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ 492-ھاۋا ئارمىيە ئوتتۇرا ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ F-15E «ھۇجۇمچى بۈركۈت» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابىنىڭ مەسئۇلىيەت رايونىغا يېتىپ بارغان. 

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن B-52 بەلگىلىك يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان قوغلىغۇچى پاراخوت ھەمدە كۈرەشچى ئايروپىلان ئوتتۇرا ئەترىتى ۋە ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتالمىش ئىراننىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ 2-نويابىر B-52 بەلگىلىك يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلاننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئابراخام لىنكولىن ناملىق ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش توپى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن چېكىنىشكە تەييارلىق قىلدى.

ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەس بوپ كەتتى

KUZATQI
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章