ئامېرىكا ئاۋياماتكىسى ھۇجۇمغا ئۈچرىدى ئامېرىكا تەرەپ بۇ ھۇجۇمنىڭ

文摘   2024-11-14 19:16   新疆  

يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ھۇجۇم قوزغىدى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىنكاسى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بولدى، ئويلىمىغان يەردىن جۇڭگونىڭ قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى. 

«بۈگۈنكى رۇسىيە»  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 12-نويابىر يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى يەھيا سارېئا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قوراللىق كۈچنىڭ قىزىل دېڭىزغا جايلاشقان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتىگە «مۇۋەپپەقىيەتلىك» ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. يەھيا *** بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يەمەنگە دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يەھيا تولۇقلاپ مۇنداق دېدى : قۇسەي قوراللىقلىرى تۇنجى قېتىم «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكىغا ھۇجۇم قىلدى، ئىككىنچى قېتىملىق نىشان «ستوك دال» ۋە «سىپرۇئېنس» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى جەمئىي سەككىز سائەت داۋاملاشتى. 

«ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 11-چېسلا ئاز دېگەندە سەككىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، بەش دانە پاراخوتقا قارشى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۈچ دانە پاراخوتقا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا «ستوك دال» ۋە «سىپرۇئېنس» قا قاراپ ئۇچقان. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاخبارات كاتىپى، ھاۋا ئارمىيە گېنېرال مايورى پاتېر رايد مۇنداق دېدى : بىز ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى توستۇق، ھېچقانداق زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىدۇق، ھېچقانداق ئۆلۈش-يارىلىنىش بولمىدى. 

لېكىن چەت ئەل بلوگ ئىگىسى ئىككى پارچە سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈزىگە قاتتىق ئۇردى. سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ «ستوك دال» ۋە «سىپرۇئېنس» ناملىق پاراخوتلىرى قىزىل دېڭىزدىن ئاستا ئايرىلىپ ئەدەن قولتۇقىغا بارغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، جۇڭگونىڭ 46-تۈركۈمدىكى دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتى 052 «جياۋزو» ناملىق پاراخوت ۋە 903 تىپلىق «خۇڭخۇ كۆلى» ناملىق ئۇنىۋېرسال تەمىنات پاراخوتىمۇ مۇشۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە كېتىۋاتاتتى، ئامېرىكىنىڭ ئىككى پاراخوتى جۇڭگونىڭ دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتىگە ئوغرىلىقچە كىرىۋالدى. ناھايىتى ئېنىقكى، «رەسۋا بولۇپ قاچقان» ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، يۈزى قېلىنلىق قىلىپ ئازادلىق ئارمىيە فلوتىغا چاپلىشىپ تۇراتتى. 

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشى ھەقىقەتەن نومۇسسىزلىق بولۇپ، جۇڭگو سېپىگە سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بىزنى ئۇنىڭ «رەزىل قىلمىشى»نى ۋاسىتىلىك «قوغدىسۇن» دەپ ئويلاپ، چوتنى ھەقىقەتەن زېرەكلىك بىلەن سوقۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە، غەرب ئەللىرىنىڭ بۇنداق قىلىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇسەي قوراللىقلىرى قىزىل دېڭىزنى «قامال» قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودا پاراخوتلىرىمۇ جۇڭگو سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا «سوقۇنۇپ» كىرىپ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەن. ھېلىمۇ ياخشى يەمەن جۇڭگوغا بىر قەدەر دوستانە، جۇڭگو پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ، شۇڭا غەربنىڭ غەرىزى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما، ھەر قانداق ئىشتا تاسادىپىيلىق بولىدۇ، ئەگەر قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئاخباراتىدا خاتالىق كۆرۈلسە، جۇڭگو پاراخوتىنى ئامېرىكا فىلوتى دەپ خاتا چۈشىنىپ قالسا ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇچۇش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە، ئۇياق-بۇياققا سوقۇلۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك. 

بۇ يىلنىڭ بېشىدا قۇسەي قۇراللىقلىرى ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكىلى تاس قالغان ئىدى. شۇ چاغدا قۇسەي قۇراللىقلىرى تۈن پەردىسىنىڭ ھىمايىسىدىن پايدىلىنىپ، قىزىل دېڭىزدا كېتىۋاتقان «گرېۋېلى» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتقا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. بەختكە قارشى، رادار باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى 1600 مېتىر يىراقلىقتا تەكشۈرۈپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى «زىچ سەپ» نى جىددىي ئىشقا سېلىپ، يېقىندىن مۇداپىئەلىنىش زەمبىرىكىنى توسۇپ نىشاننى توستى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قۇسەي قوراللىقلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ئېزىنخاۋېر» ناملىق ئاۋىياماتكىسىغا «تەگكەن» دەپ داۋراڭ سېلىپ، توردا بىر مەھەل «چوڭ غۇلغۇلا» پەيدا قىلغان، بولۇپمۇ «ئېزىنخاۋېر» ناملىق ئاۋىياماتكا پۈتۈن دۇنيانىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، ئۈن-تىنسىز قىزىل دېڭىزدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان كەچۈرمىشكە دۇچ كەلگەنلىكىگە ئىشەنگەن. 

يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ساپما كەش قوشۇنى بولماستىن، بەلكى ئىسمى جىسمىغا لايىق زامانىۋى قوشۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بار، ئۇلار ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، قىزىل دېڭىزنىڭ بوغۇزىنى قوغدايدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلار ئىراننى،  ۋە خاماسنى قوللايدۇ. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، تۈرلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇش قائىدىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىياماتكىغا تايىنىپ رايون توقۇنۇشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتەك قارا نىيىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەندى. لېكىن بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، يەمەندىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن، پەقەت يېڭى بىر نۆۋەتلىك قىزىل دېڭىز كىرىزىسىنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى

KUZATQI
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章