2-دۇنيا ئۇرشىدىن كىيىن 7 دۆلەت ئىلىمىزگە زىمىن قايتۇرۇپ بەردى

文摘   2024-11-06 18:46   新疆  



پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

ئەپىيۇن ئۇرشىدىن كىيىن جۇڭگو نۇرغۇن زىمىندىن ئايرىلىپ قالدى، لېكىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ دۆلىتىمىزنىڭ قۇدىرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ يەتتە دۆلەت تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  ئارقا ئارقىدىن جۇڭگوغا زىمىن قايتۇرۇپ بەردى


ت. 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغلاپ چىقىرىپ، ياپونىيە ئىگىلىۋالغان بارلىق زېمىننى قايتۇرۇۋالدى، 
دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشى، شۇنداقلا خەلقارادا دوستانە ئالاقە قىلىش پىرىنسىپىغا ئەگىشىپ، دۇنيادا مۇشۇنداق يەتتە دۆلەت جۇڭگو زېمىنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇپ بەرگەن. 

1. پاكىستان.


پاكىستان دۇنيادىكى جۇڭگوغا ئەڭ دوستانە دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىككى دۆلەتمۇ خەلقارادا ئۆزارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق ئلغا ئىلگىرىلەيدۇ. زېمىن مەسىلىسىدە پاكىستانمۇ جۇڭگونى شەرتسىز قوللايدۇ، ھەمدە كونترول ئاستىدىكى قاراقۇرۇم كارىدورىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرگەن. 


قاراقۇرۇم كارىدورى ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن 19ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئەنگلىيە جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قاراقۇرۇم كارىدورىنى ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستانغا مەجبۇرىي ئايرىپ بەرگەن.  2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈشۈپ ئىدارە قىلىندى، قاراقۇرۇم كارىدورىغا پاكىستان ۋارىسلىق قىلدى.  1963ـ يىلى دوست دۆلەت پاكىستان تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، كۆلىمى تەخمىنەن 5800 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قاراقۇرۇم كارىدورىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەردى. 

2. ئەنگلىيە.


ت. 19ـ ئەسىردە ئەنگلىيە دۇنيانىڭ خوجىسى بولغان قورال كۈچى ئارقىلىق دۇنيادا نۇرغۇن مۇستەملىكە قۇرۇپ، دۇنيانىڭ بايلىقىنى تالان ـ تاراج قىلدى. جۇڭگومۇ ئەپيۇن ئۇرۇشى دىن كېيىن، ئەنگلىيە تەرىپىدىن ۋەھشىيانە تالان-تاراج قىلىندى. يېرى كەڭ، بايلىقى مول جۇڭگو ئالدىدا، ئەنگلىيە قىلچە رەھىم قىلماي، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى تالان ـ تاراج قىلىپلا قالماي، يەنە بىر قاتار تەڭسىز شەرتنامىلەر ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ شياڭگاڭنى بېسىۋالدى. 


ت. 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ تەدرىجىي زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىشىۋاتقان ئەنگلىيە 1997ـ يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن شياڭگاڭنى قايتۇرۇپ بەردى.

3. پورتۇگالىيە.


پورتۇگالىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئەھۋالى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ھەممىسى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىغانغا تەۋە، ئەنگلىيە شياڭگاڭنى زورلۇق بىلەن بېسىۋالغان پورتۇگالىيە بولسا جۇڭگو ـ پورتۇگالىيە دوستلۇق سودا شەرتنامىسى ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئاۋمېننى زورلۇق بىلەن بېسىۋالدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90ـ يىللىرىدا پورتۇگالىيە تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگو زېمىنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، 1999ـ يىلى ئاۋمېننىمۇ جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

4. قىرغىزىستان.


تارىختا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەت جۇڭگوغا تەۋە بېقىندى دۆلەت بولۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، چاررۇسىيە كۈچلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتنى قورال كۈچى بىلەن يۇتۇۋالغان. كېيىن چاررۇسىيە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى جۇڭگو ـ رۇسىيە غەربىي شىمال چېگراسىنى ئايرىش كېلىشىمى نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 440 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىننى بېسىۋالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئىلگىرى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىنى بېسىۋالغان بىر قىسىم زېمىنىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتكە بۆلۈپ بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەت مۇستەقىل بولۇپ، چاررۇسىيەنىڭ جۇڭگونى بېسىۋالغان بىر قىسىم زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلدى.


ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتمۇ ۋارىسلىق قىلغان بىر قىسىم زېمىننىڭ ۋە بايلىقنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەت ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ جۇڭگونى تېپىپ زېمىن تالاش ـ تارتىشى مەسىلىسىنى كېڭەشتى. 2004ـ يىلى قىرغىزىستان كونترول قىلىۋالغان تۆت پارچە زېمىننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەردى، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 1190 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

5. قازاقىستان.


ت. 2008ـ يىلى، قازاقىستان تەشەببۇسكارلىق بىلەن كونترول ئاستىدىكى 10 پارچە زېمىننى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەردى، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 1258 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

6. تاجىكىستان.


ت. 2011ـ يىلى تاجىكىستانمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگونىڭ 1158 كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى قايتۇرۇپ بەردى.

7. روسىيە.


رۇسىيە يېقىنقى زاماندا جۇڭگو زېمىنىنى ئەڭ كۆپ بېسىۋالغان دۆلەت. يېقىنقى زامان ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، چاررۇسىيە قورال كۈچى ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەيخۇي شەرتنامىسى، جۇڭگو ـ رۇسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى، جۇڭگو ـ رۇسىيە غەربىي شىمال چېگراسىنى ئايرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئېلىمىزنىڭ  شەرقىي شىمال، غەربىي شىمالدىن بولۇپ جەمىي 1 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىننى ئىگىلىۋالغان. 2004ـ يىلى چاررۇسىيەنىڭ ۋارىسى رۇسىيە جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خېيشيازى ئارىلىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەردى، كۆلىمى تەخمىنەن 171 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.


 جۇڭگو 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىللىي ئويغىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تەدرىجىي قەد كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. دۇنيادىمۇ مۇشۇنداق يەتتە دۆلەت ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو زېمىنىنى قايتۇرۇپ بەردى.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹







KUZATQI
这里有最新国际新闻、热点事件、政策民生。 广告合作VX:aa8758383731 ئېلان ھەمكارلىق ئۈندىدار نومۇرى : aa 8758383731
 最新文章