سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
، مەغلۇپ بولسىلا دۆلىتى مۇنقەرىز بولۇپ ھەممىسى سەرگەردان بولۇپ كېتىدۇ
خەلقئارادا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىدىن قالسىلا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ دۆلەتلەر دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇلارنىڭ ھەربىي ئاساسى ياكى ئىقتىسادى ئاساسى كۈچلۈك، زىمىن كۆلىمىمۇ ناھايىتى چوڭ. يەنە نۇرغۇن دۆلەت زېمىنىنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس، ئەمما خەلقئارادا ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە دۆلەتلەر بار مەسىلەن، ياپونىيە. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە ئۇرۇش قوزغاپ، شەرقى ئاسىيا ۋە شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ياپونىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ھەتتا ئامېرىكىمۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيەنى ئاسىيا رايونىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت دېيىشكە بولاتتى
ياپونىيىدىن باشقا، ئىسرائىلىيىنىڭمۇ زېمىنى چوڭ ئەمەس، ئەمما تۆت ئەتىراپىنى دۈشمىنى قورشاپ تۇرغان دۆلەت بولۇپ، نامى چىققان ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان دۆلەت ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەھۇدىلار پەلەستىن رايۇنىغا كۆچۈپ كېلىپ بۇ يەردە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇردى. ئىسرائىلىيە ئەرەب دۇنياسى تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، دائىم كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئاپەتلەرگە ئۇچراپ تۇردى، مۇھىت شۇنچە ناچار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دۆلەت كۈچى بارغانسېرى كۈچىيىپ، دۇنيا بويىچە زېمىنى ئەڭ كىچىك كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالدى. دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەر يەھۇدىلاردىن چىققان. مەسىلەن، ئېينىشتېيىن، فروئىد، كولانت، چاپلىن، ئوپپېنخېيمېر، ماركس قاتارلىقلار. مانا مۇشۇنداق كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە كۈچلۈك مىللەت 2000يىل سەرسان-سەرگەردان بولۇپ ئاخىرى ئۆز دۆلىتىنى قۇردى. بۇ ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئاساسەن يەھۇدىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ% 75 نى يەھۇدىلار ئىگىلەيدۇ، بىلىش كېرەككى، يەھۇدىيلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران% 0.3 ىنى ئىگىلەيدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇ پەقەت ئامېرىكىغا تايانغانلىقىدىنلا ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ سەۋەب شۇكى، يەھۇدىيلار ناھايىتى كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭىغا ئىگە، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى كۈچلۈك. يەھۇدىيلارنىڭ سودىغا ئىنتايىن ماھىر ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، لېكىن ھەممىگە مەلۇم بولغىنى شۇكى، يەھۇدىيلار يەنە مائارىپقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۇل بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆگىنىشنى ئۆمۈرلۈك بۇرچ قىلىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر جەھەتتە ئەتراپتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە قارىغاندا بېسىم ئېغىر، ئازىراقلا بىخەستىلىك قىلسا ھەرۋاقىت چىشىنى بىلەپ تۇرغان ئەرەب دۆلەتلىرى تەرپىدىن يۈتۋېتىلدۇ.
ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئىشى ئىنتايىن جاپالىق بولدى، دۆلەت قۇرۇلغان كۈننىڭ ئەتىسىلا خوشنا دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەگە ئۇرۇش قوزغىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش زادىلا توختىمىدى، لېكىن ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە ئەرەپ دۆلەتلىرىنى مەغلۇب قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. گەرچە ئىسرائىلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش ئەمەلىي كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىسمەن قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش ئەمەلىي كۈچى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، جۇڭگو، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىمۇ كۆپ قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەپەككۇرىنى ئۆگەنگەن. ئىسرائىلىيىنىڭ نۇرغۇن جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مەغلۇپ بولماسلىقى ئۇنىڭ ئىلغار ئۇرۇش قىلىش تەپەككۇرىغا ئىگە بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، يىل بويى ئوتتورا شەرىقتىكى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيسى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئامانلىق ساقلاش ئۇرۇشىغا يۈزلەنگەن ئالاھىدە تىپتىكى ئارمىيە بولۇپ جەڭگىۋارلىقى خېلىلا كۈچلۈك.
ئاز نوپۇس ۋە تار زېمىن كۆلىمى ئىسرائىلىيەنى بىر قاتار كەسكىن ئۇرۇشلارغا دۇچار قىلىدۇ، ئەگەر ئازىراقلا بىخەستىلىك قىلسا مۇقەررەر ھالدا ئەتراپتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بۆلۈشۈۋېلىشىغا ئۇچرايدۇ، لىكىن ئىسرائىلىيەمۇ ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ، شۇڭا، ھەر قېتىملىق ئۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىدۇ، ھەر قېتىملىق ئوتتورا شەرىق ئۇرۇشىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئىسرائىلىيە بىرەر قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسا ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشىمۇ قايتا پارتىلماسلىقى مومكىن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە يەنىلا ھەممە يەردە ۋەقە تۇغدۇرىدۇ، بۇنداق قىلىش« ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىش يولى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى مەغلۇب بولمايدىغان دۆلەت دىگەن نامغا ئېرىشتى.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹