شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

时事   2024-11-19 11:32   北京  

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 18-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.
باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1-باسقۇچىدا «ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش» قارالمىسى چۆرىدىلىپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان چاغدا  شى جىنپىڭ «ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئادىل دۇنيا قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش تېزلىشىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلىپ، تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزگەندە، تەرەققىيات قارالمىسىنى تۇنجى قېتىم ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويدى، بۇ قېتىمقى رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنىدا «ئادىل دۇنيا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىندى ھەم «ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەر شارى ئىتتىپاقى» قۇرۇش قارار قىلىندى. خاڭجۇدىن رىئودې ژانېيروغىچە، بىز ئوخشاش بىر نىشانغا يەنى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئادىل دۇنيا قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز.
بۇنداق دۇنيانى قۇرۇش ئۈچۈن، بىز سودا-مەبلەغ سېلىش، تەرەققىيات، ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردە بايلىق سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، تەرەققىيات ئاپپاراتلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى كۆپرەك سېلىپ، «كىچىك ھويلا، ئېگىز تام» پەيدا قىلماي، تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قوللىنىشىنى قوللاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يوقىلىش، مۇھىت بۇلغىنىش قاتارلىق خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىشسىز خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھىتى يارىتىپ، ئومۇمي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىيات ئېقىمىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشىنى قوللىشىمىز؛ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو 800 مىليون نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ب د ت 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى. بۇ نەتىجىلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا قولغا كەلگەن. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىرمۇ نامرات رايون، بىرمۇ نامرات ئاممىنى ھەرگىز سەپتىن چۈشۈرۈپ  قويمايمىز» دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات داۋامىدا نامراتلارنى يۆلەشتە، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا نامراتلارنى يۆلەشتە، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا نامراتلارنى يۆلەشتە چىڭ تۇردى. جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇساپىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى مۇستەھكەم ئىرادە، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش جاسارىتى، قەتئىي كۈرەش قىلىش روھى بويىچە ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئاجىز قۇشنىڭمۇ بالدۇر ئۇچالايدىغانلىقى، ئېگىز ئۇچالايدىغانلىقىنى، جۇڭگولا ئەمەس، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىر ئەزاسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى قوللايدىغان ھەرىكەت قىلغۇچى ۋە ئەمەلىي ئىشلىگۈچى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۇنيا تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى جاكارلىدى.
بىرىنچى، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇپ، ئىستېرېئولۇق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ، يېشىل يىپەك يولى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، رەقەملىك يىپەك يولىغا ئېنېرگىيە قوشۇش.
ئىككىنچى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبى تەتقىقات مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى داۋاملىق قوللاپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.
ئۈچىنچى، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش. جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى جاكارلاندى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ ياردىمى بېرىلدى.
تۆتىنچى، نامراتلارنى ئازايتىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قوللاش. جۇڭگو «ئاچارچىلىققا ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەر شارى ئىتتىپاقى»غا قاتنىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىيات مىنىستىرلار يىغىنىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈشنى قوللاشنى ھەمدە خەلقئارا ئاشلىق زىيىنىنى ئازايتىش يىغىنىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
بەشىنچى، جۇڭگو بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە «ئوچۇق ئىلىم پەن خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق يەر شارىنىڭ جەنۇبىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
ئالتىنچى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يەر شارىنىڭ جەنۇبىغا بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى، بېيجىڭدا تەسىس قىلىنغان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىگىلىك تىكلەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىزمىتىنى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەقەملىك مائارىپ، مۇزېيلارنى رەقەملەشتۈرۈش، قەدىمىي كىتابلارنى رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش.
يەتتىنچى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قاچقۇنلارنى تۇتۇپ، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش، چىرىكلەشكەنلەرنىڭ پاناھگاھى بولۇشنى رەت قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.
سەككىزىنچى، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ باج تۈرىدىكى بارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ھەر قانچە ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىپ، نامراتلىقنى ئۆتمۈشكە، گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە بىرازىلىيە تەشەببۇس قىلغان «ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەر شارى ئىتتىپاقى»نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. 

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|伊明司马义

翻译|帕提古丽买买提

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章