ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتەك بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىمىز

文摘   2024-09-09 23:59   新疆  

ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتەك بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىمىز! جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى فىلىپپىن دېڭىز ساقچى پاراخوتىنىڭ شيەنبىڭ خادا تاش ئارىلىغا قانۇنسىز بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

8-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فىلىپپىن دېڭىز ساقچى پاراخوتىنىڭ شيەنبىڭ خادا تاش ئارىلى، رېنئەي خادا تاش ئارىلىغا قانۇنسىز بۆسۈپ كىرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گەن يۈ مۇنداق دېدى: 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، فىلىپپىن جۇڭگونىڭ قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىپ توسۇشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، تەتۈرلۈك قىلىپ 4410، 4411 نومۇرلۇق دېڭىز ساقچى پاراخوتىنى جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى شيەنبىن خادا تاش ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىرىشكە ئەۋەتتى.

بۇ مەزگىلدە فىلىپپىن 4410-نومۇرلۇق دېڭىز ساقچى پاراخوتى جۇڭگونىڭ ھوقۇقنى نورمال قوغداپ، قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان نورمال دېڭىز ساقچى پاراخوتىنى قەستەن سوقۇۋەتتى، كېيىن يەنە جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى رېنئەي خادا تاش ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىردى، بۇنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ بولدى.

جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى فىلىپپىننىڭ چاتاق تېرىغان پاراخوتلىرىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ، ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى، جۇڭگونىڭ نەق مەيدان مەشغۇلاتى كەسپىي جەھەتتىن قېلىپلاشقان، مۇۋاپىق، قانۇنلۇق بولغان. فىلىپپىننىڭ قىلمىشى جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلدى، «نەنخەيدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»گە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. جۇڭگو شيەنبىڭ خادا تاشئارىلى، رېنئەي خادا تاشئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنشا تاقىم ئاراللىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى قانۇن بويىچە جۇڭگونىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە ھوقۇقنى قوغداش، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتەك بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز


saybag
你好。欢迎
 最新文章