زەمران
جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنالامدۇ؟ پۇتىن بۇ مەسلىگە جاۋاپ بەردى
ت. 2ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئاساسەن تۈگىدى، ئاجىز، كىچىك دۆلەتلەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مۇستەقىل بولدى، دۇنيا قايتىدىن تەرتىپكە كىردى. بىر دۆلەت قۇدرەت تېپىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، كىشىلەر ھەمىشە ئۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگو تارىخىدىكى خەن، تاڭ سۇلالىلىرى ۋە 18ـ ئەسىردىن 19ـ ئەسىرگىچە بولغان ئەنگلىيەمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ھېسابلىناتتى.20ـ ئەسىردىن كېيىن پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنى دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخقا ئايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىمۇ رەقىبىدىن ئايرىلدى.جۇڭگو، رۇسىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە بولسا ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلالايدىغان بىرىمۇ دۆلەت يوق.
图片来源:百度网
جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يەر شارى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يەر شارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر 20 يىلدىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىككى قۇتۇپتا زومىگەرلىك تالىشىدىغان ـ تالاشمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى. پۇتىن ئىلگىرى جۇڭگوغا مۇنداق باھا بەرگەن: گەرچە جۇڭگونىڭ باشلىنىشى بىر قەدەر كېيىن بولسىمۇ، ئۇلار چەكسىز تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، شۇڭا تەرەققىيات سۈرىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى جۇڭگونىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئۇلارنىڭ خەلقى ئىنتايىن ئىشچان،ھەم ئىتتىپاق، ئۇلار كەلگۈسىدە چوقۇم ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالىدىغان ـ قالمايدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەرىجىدىن تاشقىرى بولۇشنىڭ نېمىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
图片来源:百度网
ت. 20ـ ئەسىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تەسىر كۈچى يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، پۈتكۈل دۇنيا ئىككى لاگېرغا بۆلۈندى. ئامېرىكىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قۇدرەت تېپىشى غا سېلىشتۇرغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى سەل غەلىتە بولدى. ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ھەتتا بىر مەھەل ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى، ھەربىي خىراجىتىمۇ ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ بوپ كەتتى، لېكىن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ ناچار بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى، يەنى 1970ـ يىلىدىن 1980ـ يىلىغىچە بولغان بۇ مەزگىلدە، سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ج د پ سى ئامېرىكىنىڭ ئاران 40% گە توغرا كېلەتتى، 80ـ يىللاردىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى تۈز سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ، رەقىبى بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى چوڭايدى، ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلگە قارىغاندىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ج د پ سى 3000 دوللار ئىدى. ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلىدە، ئەمەلىي كۈچى بىر مەھەل ئامېرىكىغا يېقىنلىشىپ، ئومۇمىي مىقدارى ئامېرىكىنىڭ %70 يەتكەن. پەقەت ھەددىدىن زىيادە باي بولۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، ياپونىيە ئامېرىكا تەرىپىدىن قاتتىق« قىرقىپ» قويۇلدى.
图片来源:百度网
ت. 2016ـ يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىمۇ ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ %64 كە يەتتى. جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭكىدىن كۆپ ياخشى بولسىمۇ، لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ھېسابلانمايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ئامېرىكىنىڭ 70 پىرسەنتىگە يېقىنلاشتى، ھەربىي خىراجىتى ئامېرىكىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا، جۇڭگونىڭ نىشانى كەلگۈسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش بولغان تەقدىردىمۇ، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت كە بولغان ئورنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدۇ.
图片来源:百度网
سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەققىياتى تەكشى بولمىغان دۆلەت، ئۇلارنىڭ ئېغىر سانائەت ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك. لېكىن يېنىك سانائەت كۆپ ئارقىدا قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈۋرۈكى ئېنېرگىيە كەسپى بولۇپ، ھازىرقى رۇسىيە بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، 3ـ كەسىپ، بولۇپمۇ مۇلازىمەت كەسپى سوۋېت ئىتتىپاقىدا يوق دېيەرلىك. ھازىرقى باسقۇچتا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ كۆپ تەڭپۇڭ. جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا كەسپى، ئۇچۇر كەسپى، مەدەنىيەت كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى قاتارلىق 3ـ كەسىپلىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. بۇنداق ئەھۋالدا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈنلەي ئاستىلىماي، ئەكىسچە نۆۋەتتە دۇنيادىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ قالدى، مەيلى ئېغىر سانائەت، يېنىك سانائەت ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق بولسۇن، جۇڭگو ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو دۇنيادىكى بىردىن-بىر سانائەت تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق دۆلەت بولۇپ ئاللىبۇرۇن خەلقئارا جەمىيەت تەرپىدىن « دۇنيا زاۋۇتى» دىگەن نامغا ئېرىشىپ بولدى. سانائەت ياسىمىچىلىق جەھەتتە ھازىرقى ئامىرىكا جۇڭگۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.
图片来源:百度网
كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يەر شارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى مۇمكىن. جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇشىغا تىرەك بولىدىغان ئەڭ چوڭ شەرت، جۇڭگو ھازىر دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىگە ئىگە ھەم يۇقىرى سۈرەتتە ئايلىنىۋاتقان دۆلەت. جۇڭگو بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ سانائەت سىستېمىسى گەرچە ناھايىتى مۇكەممەل بولسىمۇ، لېكىن ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ چېكىنىشى ئېغىر. ئامېرىكا ئىقتىسادىغا تىرەك بولۇۋاتقىنى ئاساسلىقى 3ـ كەسىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
图片来源:百度网
ت. 2019ـ يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 99 تىرىليونغا يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ج د پ مىقدارىمۇ تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيسىدىن ھالقىپ كەتتى، ئەگەر جۇڭگو نۆۋەتتىكى تەرەققىيات سۈرىتىنى ساقلاپ قالسا، 20 يىلدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى چوقۇم ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ج د پ سمۇ ئوتتۇرا ھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. مەيلى ئۆتمۈش ياكى كەلگۈسى بولسۇن، جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىزىنى باسمايدۇ. جۇڭگو ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنى قارىغۇلارچە، تەلۋىلەرچە قوغلاشمايدۇ، ئامېرىكا بىلەن دۇنياۋى زومىگەرلىك تالىشمايدۇ. بەلكى جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى چوڭ دۆلەت كە ئايلاندى.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹