دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى پوزىتسىيەسى!
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە زېمىنىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
سوئال: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى يېقىندا رۇسىيەنىڭ كۇرسكى ئوبلاستىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. رۇسىيە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى 60 تىن ئارتۇق پۇقرانىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسقانلىقىنى، كۇرسكى ئوبلاستى جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ، رۇسىيە ئۇرۇشنى ئۇكرائىنا زېمىنىغا ئېلىپ كەلدى، ھازىر ئۆز قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېس قىلىشى كېرەك، دېدى. ئامېرىكا تەرەپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئالدىن ئىگىلىمىگەن، ئۇكرائىنانىڭ بۇ قىلمىشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى زۆرۈر تەدبىر. ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكا ياسىغان قوراللاردىن پايدىلىنىپ رۇسىيە چېگراسىدىن كەلگەن ھۇجۇمغا قايتۇرما زەربە بېرىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى بۇ ئەھۋالغا ئۇيغۇن، دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
جاۋاب: جۇڭگو ئالاقىدار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدى. جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتىكى «ئۈچ پىرىنسىپ»قا رىئايە قىلىشىنى، يەنى ئۇرۇش مەيدانى سىرتقا كېڭىيىپ كەتمەسلىك، ئۇرۇش ئىشلىرى كەسكىنلىشىپ كەتمەسلىك، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئوغىسىنى قايناتماسلىقنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىجادىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت