307 ئادەم جۇڭگو تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى!
بېرمىنىڭ شىمالىدىكى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جىنايەت ئۇۋىلىرىنى ئېنىقلاپ، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق خادىملارنى تۇتۇش ئۈچۈن، يېقىندا گۇڭئەن مىنىستىرلىقى يۈننەن ئۆلكىلىك گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ بېرمىدىكى ئالاقىدار يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن چېگرا ساقچى ئىشلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنى يولغا قويغان جۇڭگولۇق 307 جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتتى، بۇنىڭ ئىچىدە توردىكى قېچىپ يۈرگەن ئادەمدىن 20 سى بار. ھازىر، بارلىق گۇماندارلارنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يەنە بىر زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت