جياڭشى ئەنيۈەن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئىدارىمىز 2-ئاۋغۇست سائەت 14 ئەتراپىدا، دۇ فامىلىلىك قىزچاقنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تېزدىن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق، 4-ئاۋغۇست جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ فامىلىلىك قولغا ئېلىندى، نۆۋەتتە ۋاڭ فامىلىلىك باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بىلەن توختىتىپ قويۇلدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.