شۇ يەر ۋاقتى 19-ئاۋغۇست ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ناسىر كانانى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. ناسىر كانانى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى توغرىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۆھبەتتە ئامېرىكىنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار، لېكىن ئىران ئامېرىكىنى سەمىمىي ئەمەس دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئامېرىكا سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسرائىلىيەنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.