ئون مىڭدىن ئارتۇق ئايال ئۆلتۈرۈلدى

文摘   2024-09-04 21:20   新疆  

جۇڭگو غەزەدە ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى دەي بىڭ يېقىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «تىنچلىق ھەرىكىتى تېز چېكىنىپ چىقىشتا ئاياللار، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاشكارا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەزەدە ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.

دەي بىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە غەزەدىكى توقۇنۇش 300 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئايال ئۆلتۈرۈلۈپ، پەلەستىنلىك مىليوندىن ئارتۇق ئايال ۋە قىزچاق ئاچارچىلىققا ئۇچرىدى. جۇڭگو بارلىق تەرەپلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورتاق تونۇشىغا ماسلىشىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى توختىتىپ، توقۇنۇشنىڭ سىرتقا يامراپ كېتىشىنى تىزگىنلەشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ. 

دەي بىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن كۈچ بىلەن توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارغا تېنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىش __ ئاياللار، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك قارالمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئالدىنقى شەرتى. تىنچلىق ھەرىكىتى مەيلى قانداق تىپ ئۆزگەرتىپ تەڭشەلسۇن، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەڭ تۈپ ھوقۇق. ب د ت ئالاھىدە ئۆمىكى مۇرەسسە قىلىشنى كۈچەيتىپ، رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قوراللىقلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ ئۆيىگە قايتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بىلەن قوللاپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 

دەي بىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەر يۈزى ۋەزىيىتى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بەزى ب د ت ئالاھىدە ئۆمەكلىرى چېكىنىپ چىقىش، قىسقارتىش ياكى تەڭشەشكە دۇچ كەلدى. جۇڭگو ب د ت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئاڭلاش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئېنىق، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تىنچ ھەرىكەت ئۆتكۈنچى پىلانى ۋە چېكىنىپ چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشىنى ھەمدە ئالاقىدار دۆلەتلەر مۇستەقىل تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ئېتىبار ساھەلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇقىم ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللايدۇ. 



       بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز


saybag
你好。欢迎
 最新文章