جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا جەمىي 11 قېتىم بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقى نى ئىشلەتكەن، بەش قېتىمنىڭ ھەممىسى بۇ دۆلەت ئۈچۈن، سەۋەبى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ
ى 1971-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە ، ب د ت يىغىنىنىڭ 26-نۆۋەتلىك يىغىنى جۇڭگونىڭ ب د ت تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا ئاۋازغا قويدى. يىغىن ئاخىرىدا 76 ئاۋازنىڭ قوللىشى ، 35 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ، 17 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى ، ئۈچ ئاۋازنىڭ قاتناشماسلىقتەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللاندى ، ئالبانىيە قاتارلىق 23 دۆلەت بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھىسى ماقۇللاندى. جۇڭگونىڭ ب د ت دا قانۇنلۇق ئورنى ئاخىرى ئەسلىگە كەلدى. ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، پۈتكۈل يىغىن زالىدا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى ، ھەتتا نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى ئاۋاز بېرىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.
بۇ ئېلىمىزنىڭ پەخىرلىنىشكە ۋە خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان كۈنى ، بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ پارچىلانغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمدى جاھانگىرلىكنىڭ كونتروللۇقىدا خالىغىنىنى قىلىدىغان قورال ئەمەس.
جۇڭگو ، روسىيە ، فرانسىيە ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بۇ بەش دۆلەتنىڭ ھېچقانداق دۆلەتتە يوق بولغان ئىنتايىن چوڭ ھوقۇقى بار ،يەنى بىر بېلەت بىلەن ب د ت نىڭ قارارىنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ، ئەمما دۆلىتىمىز ھازىرغا قەدەر جەمئىي 11 قېتىم بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن.
ھازىرغا قەدەر جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكىمىتىنى قوشقاندا جۇڭگو جەمئىي 11 قېتىم ب د ت نىڭ قارارىنى رەت قىلدى .بۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنجى: 1955 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى جۇڭخۇا مىنگو موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلدى .
ئىككىنجى 1972 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بېنگال دۆلىتى ( ئەسلىدىكى شەرقىي پاكىستان ) نىڭ ب د ت غا قاتنىشىشنى رەت قىلدى .
ئۈچىنجى 1972 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۇمالى ، گۋىنىيە ، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ سۈرىيە ، لىۋانغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى رەت قىلدى .
تۆتىنجى 1997 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ھەربىي كۆزەتكۈچى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى .
بەشىنچى 1999ـ يىلى 2ـ ئاينىڭ 25ـ كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ب د ت نىڭ ماكېدونىيەدە تۇرۇشلۇق مۇداپىئە خاراكتېرلىك قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش مۇددىتىنى يېرىم يىل ئۇزارتىشقا قوشۇلۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى، چۈنكى بۇ دۆلەت ئىلگىرى تەيۋەن بوغۇزى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىسىدا كۆپ قېتىم زىدىيەت پەيدا قىلىپ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.
ئالتىنجى 2007 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى
جۇڭگو ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان بىرما مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى .
يەتتىنجى 2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا ، ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان زىمبابۋې مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى .
سەككىزىنچى 2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى بىر يولدىلا ھەل قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى .
توققۇزىنچى 2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى .چۈنكى غەرىب ئەللىرىنىڭ بۇ قارار لاھىيەسى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ ئوتتورا شەرىقنىڭ ۋەزىيتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ سۈرىيە خەلىقىنىڭ ئازاب ئوقىبىتى كۈچىيىدۇ.
ئونىنجى 2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قايتا رەت قىلدى .
ئون بىرىنچى 2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى .بۇ قارار لاھىيەسى ئاساسلىقى ئامىرىكىنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر كۆپەيتىپ زوڭتوڭ بەشىرنىڭ ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئەسەبىي تەشكىلاتنى سۈرىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىشقا قارتىلغان.
دۆلىتىمىزدە بۇنداق چىڭ تۇرۇۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى ، دۆلىتىمىز يېڭى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇرۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ، سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ،دۆلىتىمىز سۇرىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا چامىنىڭ يېتىشىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن توسالغۇلارنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ ، بىر-بىرىنى قەدىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەككىز يىل داۋاملاشتى ، پۇقرالار يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ ، كۆپىنچىسى ئاچ-يالىڭاچ قالدى ، لېكىن كۆپ تەرەپنىڭ ياردىمى ۋە مەدىتى بار ، ھازىر روسىيەنىڭ ياردىمىدە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىش بېكىتىلدى ، لېكىن ئەمدى سۇرىيەدە ئەڭ مۇھىمى يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇش.
ئون ئىكىنجى 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مىسىر، يېڭى زېللاندىيە ۋە ئىسپانىيە ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى جۇڭگو رەت قىلدى.
ئون ئۈچۈنجى 2017- يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى جۇڭگو رەت قىلدى.
ئون تۆتىنجى 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان ۋېنېسۇئېلا ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى جۇڭگو رەت قىلدى.
ئون بەشىنجى 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە كۇۋەيت ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى جۇڭگو رەت قىلدى.
ئون ئالتىنجى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە كۇۋەيت ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى جۇڭگو رەت قىلدى.
ئون يەتتىنجى 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، بېلگىيە، گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى جۇڭگو رەت قىلدى.
ئون سەككىزىنجى 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بېلگىيە، گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى جۇڭگو يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى.
ئون توققۇزىنجى 2022 - يىل 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازانى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى جۇڭگو رەت قىلدى.
يىگىرمىنجى 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى جۇڭگو رەت قىلدى.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹