ئۆتكەن يىلى سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ئوتى سۇداننىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى ئېغىر ۋەيران قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، سۇداندا مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىدىكى نەچچە مىليون بالا تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇشتا 5 مىليون بالا سەرگەردان بولغان، 100دىن ئارتۇق مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ئۇرۇش رايونىدىكى كۆپ قىسىم مەكتەپلەر بىخەتەرلىك خەتىرى سەۋەبىدىن تاقالغان، يەنە نەچچە يۈز مەكتەپ سەرگەردانلارنى يىغىۋالىدىغان پاناھلىنىش مەركىزى قىلىنغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى سۇداننىڭ دۇنيا بويىچە مائارىپ كىرىزىسى ئەڭ ئېغىر رايونغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.