ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلغۇچى

文摘   2024-09-09 23:59   新疆  

ئامېرىكا دەل يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يادرو تەھدىتى ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن 3-ئايدا ئامېرىكىنىڭ مەخپىي يادرو ئىستراتېگىيەسىنى تەستىقلىغان، بۇ ئىستراتېگىيەدە جۇڭگونىڭ يادرو قورال ئامبىرى كۆپەيگەن شارائىتتا جۇڭگونى توسۇش پىلانى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.

ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭگو يادرو تەھدىتى سەپسەتىسى»نى ئۈزلۈكسىز كۆپتۈرۈشى پەقەت ئۆزىنىڭ يادرو ھازىرلىقى مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىش، يادرو قورال ئامبىرىنى كېڭەيتىش، مۇتلەق ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلىكىنى كۆزلەشكە باھانە ئىزدەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

جۇڭگونىڭ يادرو قورال ئامبىرى ئامېرىكا بىلەن پۈتۈنلەي بىر سەۋىيەدە ئەمەس، جۇڭگو ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنى قوغداش، مۇداپىئەلىنىشتىن ئىبارەت يادرو ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ يادرو كۈچىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى بولغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلايدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قىلىش مەقسىتى يوق. ئەكسىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىلغار يادرو قورال ئامبىرىغا ئىگە ئامېرىكا ئالدى بىلەن يادرو قورالىنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلغان يادرو تەھدىتى سىياسىتىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، سىجىل تۈردە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» يادرو كۈچىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ھەم باشقا دۆلەتلەرگە ئوچۇقتىن ئوچۇق يادرو تەھدىتى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزدى، ئامېرىكا دەل يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يادرو تەھدىتى ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلغۇچى.

جۇڭگو ئامېرىكىنى يادرو ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىشنى ئالاھىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يادرو قورال ئامبىرىنى يەنىمۇ زور دەرىجىدە ماھىيەتلىك ئازايتىپ، يادرودىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەيۋە قىلىشنى ئۇزارتىش، يادرو ئىتتىپاقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق پۈتۈن يەر شارى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پاسسىپ ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



saybag
你好。欢迎
 最新文章