جۇڭگو يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ

文摘   2024-09-06 20:53   新疆  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئۆزىنى قوغداش، يادرودىن مۇداپىئەلىنىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 8-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنى قوغداش، يادرودىن مۇداپىئەلىنىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ يادرو كۈچىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى بولغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلايدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قىلمايدۇ.

مۇخبىر سوئال سوراپ مۇنداق دېدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپ جۇڭگونىڭ يادرو قورال ئامبىرى جەھەتتە ئامېرىكىغا «يېتىشىۋېلىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش» مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى X سۇپىسىدا كارخانىچى ماسكنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگو خېلىلا ئارقىدا قالدى، لېكىن قىلچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز، جۇڭگو ھامان يېتىشىۋالىدۇ، ھەتتا بىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

لىن جيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا بولۇنغان سۆزلەرگە باھا بەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ يادرو قورال ئامبىرى ئامېرىكا بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش سەۋىيەدە ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنى قوغداش-يادرودىن مۇداپىئەلىنىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ يادرو كۈچىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاپ، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قىلمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



saybag
你好。欢迎
 最新文章