نۆۋەتتە غەززە رايونىدا تەخمىنەن بىر مىليون 900 مىڭ كىشى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپتىن ئۆزگەرتىلگەن پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا ۋاقىتلىق تۇرماقتا، بىراق ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئۇلار ئۈچۈن ھازىر بۇ پاناھلىنىش ئورۇنلىرىمۇ بىخەتەر ئەمەس.
غەززە رايونى تاراتقۇلار ئىشخانىسى 12-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 7-ئۆكتەبىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، 175 پاناھلىنىش ئورنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر جايلاشقان 150دىن ئارتۇق مەكتەپمۇ بار ئىكەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم پەلەستىن قوراللىقلىرى بۇ مەكتەپلەردە پائالىيەت قىلغان ياكى بۇ مەكتەپلەرنى قوماندانلىق مەركىزى قىلغان. لېكىن غەززەدىكى يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر بۇنىڭغا رەددىيە بەردى.