ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭغا يېقىنلاشتى

文摘   2024-09-05 23:54   新疆  

ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭغا يېقىنلاشتى

مەنبە: خەلق تورى



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىننىڭ غەزە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 39929 پەلەستىنلىك ئۆلدى، يەنە 92240 ئادەم يارىلاندى، دېدى. 

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 32 ئادەم ئۆلۈپ، 88 ئادەم يارىلاندى. نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يەنىلا خارابىلىك ئاستىدا قاپسىلىپ قالدى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرى يېقىنلىشالمىدى. 

پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەزە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى برايجې مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلىپ، يەتتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەزە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېلبايراھ شەھىرىنى بومباردىمان قىلىپ، ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 



       بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز


saybag
你好。欢迎
 最新文章