بىر روتا ئەسكەرنى قورقۇتۋەتكەن 12ياشلىق «مەرگەن»

文摘   2024-09-10 19:15   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى




ئامىرىكا ئارمىيسىنىڭ بىر روتا ئەسكىرىگە ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرغان 12ياشلىق«مەرگەن» بالا

ت. 12 ياشلىق بىر بالا رەھىمسىز جەڭ مەيدانىدا تولۇق قوراللانغان تۆت ئامېرىكىلىق ئەسكەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرەلەمدۇ؟بۇنداق ئىش مۇمكىنمۇ؟بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان نۇرغۇن ھەربىي ئىشلار مەستانىلىرىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەسلىكى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ كىشىنى بەكلا چۆچۈتىدۇ.لېكىن بەزى چاغلاردا رېئاللىق مانا مۇشۇنداق دەھشەتلىك كېلىدۇ، رومان ۋە كىنولاردا كۆرۈشكە جۈرەت قىلالمايدىغان ۋەقەلىكلەر رېئاللىقتا بار.

ت. 12 ياشلىق بالا تۆت ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بۇ ئىش ئەينى يىلى 2ـ دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاشكارا ئۇرۇش تارىخىدا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئۇرۇش ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئوكىناۋا ئارىلىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ 4ـ تۈئەنىگە قاراشلىق پىيادە ئەسكەرلەر ليەنى ئوكىناۋانىڭ شىمالىدىكى يۈەنۋۇ يېرىم ئارىلىدىكى بىر ئىدىرلىقتا تۇيۇقسىز مىنالىق پىستىرما ۋە قوراللىق  ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

دەسلەپتە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۆزىنى زور تۈركۈمدىكى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ يوشۇرۇن زەربىسىگە ئۇچرىدۇق دەپ ئويلىغان، ئەمما ئۆزىنى بېسىۋېلىپ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالاقزادىلىكتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ليەنىدىكى ئەسكەرلەر ئۆزلىرنىڭ پەقەت بىرلا مەرگەننىڭ ھۇجىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ناھايىتى تېزلا بايقىدى، گەرچە مەرگەنلىك ماھارىتى ئانچە توغرا بولمسىمۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن سەپداشلىرىنى يىقىتتى. 

كەينى ـ كەينىدىن ئېتىلغان كۆپ قېتىملىق ئوق ئاۋازى يوشۇرۇنغان بۇ مەرگەننىڭ تەخمىنەن ئورنىنى ئاشكارلاپ قويدى، روتا كوماندىرى بىر نەچچە كونا ئەسكەرنى باشلاپ دەرھال ئىككى ياندىن نىشانغا قاراپ يول بويى مۇھاسىرىگە ئالدى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا قول بومبىسى بىلەن ئارقا ـ ئارقىدىن مەرگەننىڭ تەخمىنەن ئورنىغا ھۇجۇم قىلىپ يوشۇرۇنىۋالغان مەرگەننى قىستاپ چىقاردى. شۇ جايدا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ مەرگەننىڭ ئەمدى 12 ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى بىلدى.

 ئۇنىڭ بۇ يەردە قېلىپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە يوشۇرۇن زەربە بېرىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئىلگىرى بۇ رايوندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ بالا ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ، ياپونىيە ئارمىيىسىگە نىسبەتەن ئانچە كۆپ تونۇش تۇيغۇسى يوق ئىدى، ئەمما ياپونىيە ئارمىيىسى ئۇنى مەجبۇرىي تۇتۇپ كېلىپ، بۇزۇلۇپ كەتكەن مىلتىققا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئۇنى كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قىسىملىرىغا توسۇپ زەربە بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى كەينىگە سۈرۈشكە بۇيرىغان، ۋە ئىككى ياپۇن ئەسكىرى قېلىپ ئۇنىڭغا قورالنى قانداق ئېتىش، قەيەرگە يۇشۇرنۇش، قانداق كىيىم كىيگەن ئادەملەرنى ئېتىشنى ئۆگىتىپ قويۇپ تىزلا چېكىنگەن. بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھېلىقى چالا مەرگەننىڭ قەھرىمان بولۇشىدەك كۆرۈنۈش يۈز بەرگەن. 

ئەسكەرلەر ھېلىقى كىچىك بالىنىڭ قولىدىكى مىلتىقنى تەكشۈرگەندە ياپونىيەدە ياسالغان 99 تىپلىق بۇ ھەرىكەتچان مىلتىقنىڭ ئوق بۆلمىسى ئاللىبۇرۇن بۇزۇلۇپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن، شۇڭا بۇ كىچىك بالا بۇ مىلتىقنى ئىشلەتكەندە چوقۇم ھەر بىر پاي ئوقنى ئاتقاندا بىر پاي ئوقنى ئاجرىتىشى كېرەك، جەريانغا ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، جەڭ ئۈنۈمى ھەتتا مىلتىقنىڭ نورمال ھالەتتە ئىشلەتكەن ۋاقىتتىكىدىن ئىككى ھەسسە ئۇزارتىۋېتىدۇ. قورالنىڭ ئىستوۋلىمۇ ئېگىلىپ كەتكەن بولۇپ قورالنى تۈز تۇتۇپ ئاتقان تەقدىردىمۇ ئوق ئوڭ تەرەپكە 25 گىرادۇس قېيسىپ كېتىدۇ. ئادەتتىكى ئەسكەرلەر بۇنداق قورال بىلەن.ئۇرۇش قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرەلىشى مومكىن ئەمەس، لىكىن قورال ئېتىشنى بىلمەيدىغان بىر كىچىك بالا، ئۆزىمۇ  بىلمىگەن ھالدا بۇ قورالدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. 

ليەننىڭ ليەنجاڭى ئادەم باشلاپ بېرىپ يېقىن ئەتراپتىكى قويۇق ئورمانلىقنى ئاختۇرۇپ، ھەقىقەتەن پەقەت مۇشۇ بىر كىچىك بالىنىڭلا بار ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بۇ چالا مەرگەننىڭ تېخنىكىسىنى ئېتىراپ قىلدى. يارىلانغان ئەسكەرلەرنى داۋالاشقا مەسۇل ھەربىي دوختۇر  ليەننىڭ ليەنجاڭىغا دوكلات قىلىپ، بۇ قېتىملىق مەرگەنگە قارشى ئۈچ سائەتلىك ئۇرۇشتا يارلانغان  ئومومىي ئەسكەرنىڭ  44 كە يەتكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ تۆت نەپەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇلانىڭ ھەممىنى پەقەت مۇشۇ 12ياشلىق كىچىك بالا قىلغان.

ت. 99 تىپلىق باغلانما مىلتىقنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان ئۆلتۈرۈش كۈچى كونا پاسوندىكى 38 تىپلىق مىلتىققا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، بۇ ئىزچىل ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ داۋالاش قىسمىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلگەن قورال ئىدى، بۇ قېتىم بۇ قورال بىر كىچىك بالىنىڭ قولىغا چىقىپ ئامىرىكا ئارمىيسىگە زور تالاپەت ئېلىپ كەلدى. ليەننىڭ ليەنجاڭى ئىككىلەنمەيلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ 12 ياشلىق مەرگەننى ئېتىپ تاشلاپ،  ليەننى باشلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگەن. لىكىن ئامىرىكا ئارمىيسى بۇ بالا مەرگەندىن قورقۇپ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەي تۇرۇپ قالغاندا ياپونىيە ئارمىيسى بۇ ئارالدىن ئاللىبۇرۇن بىخەتەر چېكىنىپ بولغان.



 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹








saybag
你好。欢迎
 最新文章