لى زەييوڭغا بىرىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى گۇيجوۋ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس لى زەييوڭنىڭ پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار لى زەييوڭغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى؛ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىشنى؛ لى زەييوڭنىڭ پارىخورلۇقىدىن ئېرىشكەن مال-مۈلكى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، يېتەرلىك بولمىغان قىسمى داۋاملىق قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلدى.
قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: 1998-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، جاۋابكار لى زەييوڭ گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى خۇڭخۇاگاڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، چيەندوڭنەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، تۇڭرېن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى، گۈيياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، ليۇپەنشۈي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ باش كاتىپى، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۈيياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىق شارائىتلار ھەمدە ۋەزىپىسى ياكى ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، يەر ئېلىش، تۈر پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 432 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە قولغا كەلتۈرۈلمىگەن. 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، لى زەييوڭ ليۇپەنشۈي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش-قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىلدە، قانۇن-قائىدە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار ساياھەت ئېچىش تۈرلىرىنى قۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىپ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ 86 مىليون 450 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لى زەييوڭ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تېخى ئىگىلىمىگەن ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش پاكىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇردى.
چۇڭچىڭ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لى زەييوڭنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قارىدى. لى زەييوڭنىڭ پارا ئېلىش سوممىسى ئىنتايىن زور، جىنايى قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر، جەمئىيەتتە تەسىرى ئىنتايىن ناچار، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان سالغان، جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئاممىۋى مال-مۈلۈك، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان، قانۇن بويىچە جازالاش ھەمدە ئۆتكۈزگەن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن بىرلىكتە جازالاش كېرەك. لى زەييوڭنىڭ كۆپ ساندىكى پارا ئېلىشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلار تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ ساندىكى پاكىتلىرىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشىدا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش قىلمىشى بولۇش، باشقىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنى، زور تۆھپە كۆرسىتىش ئىپادىسى بارلىقىنى، گۇناھىنى تونۇغانلىقىنى، زاڭ پۇل-مالنىڭ كۆپ قىسمى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى، قانۇندا بەلگىلەنگەن نۇرغۇن يېنىك جازالاش قىلمىشى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن پارا ئېلىش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، دەرھال ئىجرا قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىنى يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ، دەپ قاراپ يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.
بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز