دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە ئۇچقۇچى، ئالەم بوشلۇقىدا بىر يىل سەرگەردان

文摘   2024-09-03 23:49   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى



ئەسلى تىمما: دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ تۇرىشىغا ۋەتىنى يوق بولدى، ئالەم بوشلۇقىدا بىر يىلغا يېقىن لەيلەپ يۈرۈپ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇنتۇلۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى

ئالەم قاتنىشى سانائىتى بۈگۈنكى 21ـ ئەسىردىكى باشلامچى كەسىپ، شۇنداقلا ھازىرقى بىر دۆلەتنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى، 2003ـ يىلى جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ياڭ لىۋىي ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ كەلدى، بۇ قانچىلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىنى ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى دۆلەتنىڭ گۆھىرى، ئۇلار ئادەتتىن تاشقىرى جاپالىق چېنىقىش ۋە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، نۇرغۇن بايلىق سەرپ قىلىپ، دۆلەت ۋە مىللەت ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىش بۇرچىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان ئالەم كېمىسىگە چىقىدۇ.

ئەمما بەزى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېچىنىشلىق، مۇشۇنداق بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بار بولۇپ ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن، ۋەتىنىنىڭ يوقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئالەم بوشلۇقىدا بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ زادى قانداق ئىش؟

سېرگېي كرېكارېۋ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى، شۇنداقلا ئۇ ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا تۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئۇچقۇچى، بولۇپ ئالەم بوشلۇقىدا 803 كۈن تۇرغان. 1991ـ يىلى ئەتىيازدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى سېرگېي بىلەن ھەمراھى ئاناتولى يەنە ئەنگلىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ھېلىن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاق ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تىنچلىق ناملىق ئالەم پونكىتىغا ماڭدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ۋەزىپىسى نۆۋەتتىكى ئالەم پونكىتى ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىش، ئەنگلىيەلىكلەر بولسا جانلىقلار تەجرىبىسى ئىشلەش ئىدى.

سەككىز كۈندىن كېيىن ئەنگىلىيە ئىلگىرىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قايتىشىغا ئەگىشىپ، بىللە قايتىپ كەتتى، ئىككى سوۋىت ئىتتىپاقىلىق ئالەم بوشلۇقىدا قېلىپ قالدى. بەش ئايدىن كېيىن ئاناتولى ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يەرشارىغا قايتتى، ئەمما سېرگېي ئىلگىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاچقا، داۋاملىق قېلىپ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى رېمونت قىلىشقا مەسۇل بولدى.

بىراق سېرگېي ئويلىمىغان ئىش شۇكى، 1991ـ يىلى 8ـ ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى گورباچېف يولغا قويغان ئىسلاھات مەغلۇپ بولغانلىقتىن، بەزى ئوفىتسېرلار سىياسىي ئۆزگىرىش قىلدى، گەرچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ تەييارلىقى بوپ قالدى. 1991ـ يىلى گورباچېف سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت پارچىلىنىشقا قاراپ ماڭدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاچقا، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئالەم بوشلۇقى پىلانى ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىگە كېيىنكى روسىيە ۋارىسلىق قىلغان، ئەمما ئەينى چاغدىكى روسىيە زۇڭتۇڭى يېلىتسىن بېكىتكەن نىشان ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەرلىك پۇلى يوق، يېڭى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشكە يېتەرلىك ئىقتىسادىي ئىقتىدارىمۇ يوق.

بۇنىڭ بىلەن سېرگېينىڭ ۋەتەنگە قايتىش پىلانى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى، دۆلەتنىڭ گۇمران بولۇشىغا قارىتا سېرگېيمۇ ئامالسىز قالدى، ئۇ پەقەت خالىمىغان ھالدا بوشلۇق پونكىتىدا قالدى. ئەينى ۋاقىتتا بوشلۇق پونكىتىدا يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىرى بار بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ كېتىپ، يېڭى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئورنىغا خىزمەتكە سالدى، سېرگېيىمۇ قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ھېلىمۇ ياخشى موسكۋا ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاچقا، قورال ـ ياراغ ئۈسكۈنىلىرىنى پائال بازارغا سالدى.

ت. 1992ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ بېشىدا، گېرمانىيەلىكلەر رۇسىيەنىڭ قولىدىن 24 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بەدەل تۆلەپ تىنچلىق ناملىق ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى سېتىۋالدى. گېرمانىيەلىكلەر سېرگايغا  ھېسداشلىق قىلىدى، ئۇلار يېڭى تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئالەم كېمىسىگە چىقىرىپ، تىنچلىق ناملىق ئالەم پونكىتىغا ئەۋەتىپ، قايتىش سەپىرىدە سېرگاينى ئېلىۋالىدۇ. بۇ 311 كۈن ئالەم بوشلۇقىدا تۇرغان ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاخىرى باشقا دۆلەتنىڭ ياردىمىدە يەرشارىغا قايتىپ كېلىپ ئالەم بوشلۇقىدىكى سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.



 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹








saybag
你好。欢迎
 最新文章