رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 14-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: رۇسىيە ئارمىيەسى كۇرسىك ئوبلاستىدىكى چېگرا رايوندا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئالتە قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى، 14-ئاۋغۇستقىچە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 2300 ئادىمىنى يوقاتتى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 14-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىلگىرىلەش بولدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شۇ كۈنى بۇ ئوبلاستتا ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە «بىر كىلومېتىردىن ئىككى كىلومېتىرغىچە» ئىلگىرىلىدى.