سۇ تولۇقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى مېۋىلەر قايسى؟

文摘   2024-07-31 23:17   新疆  


باھار كېلىشى بىلەن يامغۇر سۈيىنىڭ دەل-دەرەخلەرنى كۆكەرتكىنىدەك، ئادەم تېنىمۇ باھار پەسلىدە سۇ بىلەن تەمىنلىنىشكە مۇھتاج. ئۇنداقتا قانداق مېۋىلەرنىڭ سۇ تولۇقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ؟  

شېكەر قۇمۇش

شېكەر قۇمۇش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىستىمال قىلىدىغان شېكەرنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالى، ئۇنىڭدا مول بولغان قەنت، سۇ، ئادەم تېنىدىكى مېتابولىزىمغا پايدىلىق بولغان تۈرلۈك ۋىتامىن، ياغ، ئاقسىل، كالىتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار بار. شېكەر قۇمۇچ يەنە قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە، ئېغىز قۇرۇش، كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق، چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، ئاشقازان بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە نىسبەتەن بەلگىلىك داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە. 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: شېكەر قۇمۇشنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، شېكەر قۇمۇشتىكى قەنت مىقدارى بەك يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ھەددىدىن زىيادە كۆپ قەنت بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ. 

نەشپۈت

نەشپۈتنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى شۇنداقلا ساقلاشقا قولايلىق بولۇپ، كۈز پەسلىدىن ئىككىنچى يىلى باھار پەسلىگىچە ئىستىمال قىلغۇلى بولىدۇ. نەشپۈتنىڭ بەلغەم يوقىتىش، نەملىكنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: نەشپۈتنىمۇ بەك كۆپ ئىستىمال قىلغاندا تال ۋە ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ، شۇڭا نورمال ئىستىمال قىلىش كېرەك. 

بەزى مېۋىلەرنى ئىسسىتىپ يېسىمۇ ياخشى

نەشپۈت ئۆپكىگە پايدىلىق، گال، يۇتقۇنچاقنى قوغداش رولى بار، نەشپۈتتىكى قەنت ۋە مېنىرال ماددىلار ئادەم تېنىگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ.

دولانا ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، دولانا مېۋىسىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن پارچە قىلىپ كېسىپ چايغا سېلىپ ئىچىپ بەرسە، خولېستېرىننى، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، كىچىك تەرەتنى ياخشىلايدۇ.

ئاپلىسىن ئادەم بەدىنى مېتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېڭى، پاكىز ئاپلىسىننى ئاق شېكەر بىلەن قايناقسۇغا سېلىپ ئىچكەندە، گالنى قوغداپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. 

ئاناناسنى توخۇ گۆشى، كالا گۆشىگە قوشۇپ قۇرۇما تەييارلىغاندا تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ، ئاناناس ياغنىڭ يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئاناناسنىڭ تەركىبىدىكى پروتېئىنازا يۆتەلنى توختىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان مېنىرال ماددىلار بولۇپمۇ سېللىلوزا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئالما تەركىبىدىكى سېللىلوزا يەنە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.

بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章