سامساق سۈيىنى توڭلاتقان چاغدا، قازانغا 700 مىللىلىتىر سۇ قويۇپ، ئىككى خالتا جۇخار چېيىنى سىلكىپ 30 مىنۇت قاينىتىپ، ئىستاكانغا قۇيىمىز. ئاندىن سامساق سۈيىنى توڭلاتقۇدىن ئىلىپ، بىر تۇخۇم چىقىپ 1 مىنۇت تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، يەنە بىر قوشۇق ئالۇي قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن چاچ يوق يەرگە مەلھەمنى سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ بىرىمىز، 20 مىنۇت توختاتقاندىن كىيىن لۆڭگە بىلەن سۈرتىمىز، ئاندىن مۆتىدىل چاچ سوپۇنى بىلەن يۇيۇپ چىقىرىپ، پاكىز سۇ بىلەن چايقايمىز.
ئاندىن يەنە بىر تال تۇخۇم سېرىقى بىلەن تېرىنى ئۇۋۇلاپ، سۇ بىلەن چايقاپ چىقىرىۋېتىمىز. ئاخىرىدا جۇخار چېيىنى چاچقا تۆكۈپ، سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىمىز، بۇ ئۇسۇلنى ھەر ھەپتىدە 3-2 قېتىمغىچە قوللانسا، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەشتۈرۈدۇ ھەم چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەتتە بىر ئايدىن كىيىن چاچنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا قويۇقلاشقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ۋاقىت يېتەرلىك بولمىسا، چاچ يۇيۇشتىن بۇرۇن سامساق مېيىنى ئازراق قىزىتىپ، چاچ سوپۇنغا ماي ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.