تۇرمۇش ساغلاملىق بىلىملىرى
|生活保健常识|
قېرىغاندا كەم بولسا سۇ قان يېپىشقاق بولغۇسى،
توسۇلۇپ قان تومۇرلار تەننى قۇرۇق باسقۇسى .
قۇرغاقلىشىپ ئۈچەيمۇ ھەم قان قىزىيدۇ كۈنسېرى،
ئچىپ تۇرغىن سۇنى پات-پات، ئۇسسىماي يۈرگەنسرى.
不渴也常喝点水
老人缺水粘稠,脑壅塞皮干皱。
肠枯燥不知,不渴也该喝几口。
سۇ-ھاياتلىق مەنبەسى.ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم ئەگەر سۇدىن ئايرىلسا، نورمال يۈرۈشمەيدۇ ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، يېتىلگەن بىر ئادەم كۈنىگە ئىككى-ئۈچ كىلوگىرام سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. جىسمانىي پائالىيەت كۈچلۈك بولغانسېرى تەرلەشمۇ كۆپ بولىدۇ، شۇڭا سۇغا بولغان ئېھتىياجىمۇ كۆپ بولىدۇ.نورمال فىزىئولوگىيەلىك ئەھۋال ئاستىدا، ئادەم بەدىنىدىكى سۇ تەركىبلىرى چوڭ-كىچىك ھاجەت يوللىرى ئارقىلىق چىقىرىلىشتىن باشقا، نەپەس يولى ۋە تېرىدىكى سۇنىڭ پارلىنىشىغا ئەگىشىپمۇ، نۇرغۇن سۇ تەركىبلىرى يوقايدۇ، يوقىغان سۇ تەركىبلىرى ئاساسلىقى سۇ ئىچىش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. ئادەتتە ئادەم بەدىنى 1000 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى سەرپ قىلىش ئۈچۈن،1000مىللىلېتىر سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.يېمەكلىك قۇرغاقراق، تۇزلۇقراق بولۇپ قالسا كۆپرەك سۇ ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ. ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ بەرمىگەندە، ئورگانىزىمدا سۇ كەملىك كۆرۈلۈپ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ