ئەر-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ئەر-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
1. رېتسېپ- چىلان، يەر ياڭىقى قاتارلىقلارغا قارا شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، قان تۇلۇقلايدۇ.
تەسىرى- قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان كۆپەيتىش بەدەننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.
2. رېتسېپ- كىرەش، زەنجىۋىل قوي گۆشى شورپىسى. كىرەش 10 گىرام، زەنجىۋىل 30 گىرام، قوي گۆشى 250 گىرام. سۇدا قاينىتىپ، گۆشنى يۇمشاق پىشۇرۇپ، شورپىسى چىقىرىلىدۇ.
تەسىرى- جىگەرنى ئىللىتىش، قان تولۇقلاش، سوغۇقنى ھەيدەش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش. بەدىنى سوۋۇپ ماغدۇرسىزلىنىش، روھسىز بولۇش، تولا ئەسنەش ياكى سوغۇقتىن سانجىق تۇرۇپ قورساق ئاغرىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللاردىكى قان ئازلىق قاتارلىقلارغا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. رېتسېپ- بەش خىل قارا ئاشلىق كۈنجۈت، قارا قېرىنقۇلاق، قارا چىلان، قارا پۇرچاق، قارا گۈرۈچنى كۆرسىتىدۇ.
تەسىرى- قان ئازلىق كېسىلىگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ. .
4. رېتسېپ- كاللەكبەسەي تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى بار بولۇپ، زور گۆدەك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ۋە غەيرىي شەكىللىك ھۈجەيرىلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.
تەسىرى- ئۆسۈپ-يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
5. رېتسېپ- دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، قان رەڭ ماددىسىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى ئاق ھەم يۇمران قىلىدۇ،
تەسىرى- قان ئازلىق كېسەللىرى بىمارلىرى دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، بەلگىلىك داۋالاش، رولىنى ئوينايدۇ،ئالمىنى پىشۇرۇپ يېسىمۇ بولىدۇ.
6. رېتسېپ- ئەنجۈر قېقى قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالايدۇ، ھەر كۈنى تۆت تال ئەنجۈر قېقى يېگەندە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۈندىلىك تۆمۈر مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرى قوبۇل قىلىنىپ، قان ئازلىق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى- ئەنجۈر قېقى تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بۇلۇپ ئاپېلسىن شەربىتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا تۆمۈرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق بۇلۇپ قان ئازلىققا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. رېتسېپ- 50 مىللىلىتىر بىيە شەربىتىگە ئاچچىق ئانار سۈيى، تاتلىق ئانار سۈيى قاتارلىقلارنى ئارلاشتۇرپ تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
تەسىرى- ھەر قايسىسىدىن 50 مىللىلىتىر ئارىلاشتۇرۇپ، 100 مىللىلىتىر سىركە ۋە 200 گىرام شېكەر قۇشۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلسا قان ئازلىققا شىپا بولىدۇ.
8. رېتسېپ- 30 گىرام ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلگەن چىلان، قوي پاقالچاق سۆڭىكى 15 گىرام، نېلۇپەر ئۇرۇقى مۇۋاپىق مىقداردا لومى گۈرۈچ قۇشۇپ تەييارلىندۇ.
تەسىرى- قوينىڭ پاقالچىقىنى چېقىپ باشقا خۇرۇچلار بىلەن قوشۇپ شويلا قىلىپ ئىچسە قان ئازلىق ۋە قان ئىشلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن بولغان قان ئازلىققا شىپا بولىدۇ.
9. رېتسېپ- ئاۋۋال 30 گىرام قارا پۇرچاق بىلەن 100 گىرام لومى گۈرۈچىنى سۇدا قاينىتىپ چالا پىشۇرۇۋېلىپ ئاندىن 30 گىرام چىلاننى ئۇنىڭغا سېلىپ تولۇق پىشۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى- كۈنىگە بىر-ئىككى قېتىم ئۈزۈلدۈرمەي ئىستېمال قىلسا ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
10. رېتسېپ- قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىقى ئالامىتى سەۋەبلىك باش قايسا بادام ھالۋىسى يېگەندىن سىرت، قاپاق، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى ھەم كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى سوقۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە قان ئازلىققا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.
11. رېتسېپ- قان ئازلىق، كېسەلدىن كېيىنكى ئاجىزلىق ۋە ئېھتىلامدا كەتىرا بىر سەر، قۇرت ئوت بەش مىسقال ئېلىنىپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.