ئاياللار كۆپ يىسە زەھەر تازلاپ ئورۇقلىتىدىغان 8 خىل يىمەكلىك
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
1. كۈدە(جۈسەي)
كۈدە تەركىبىدىكى ۋىتامىن ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ناھايىتى ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماي بىلىگە گۆش يىغىلىپ قالغان دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكى، يەنە ئۈچەي يولىدىكى ئارتۇقچە مايلارنى چىقىرىدۇ.
2. قارا مور
مور بولسا بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاپ ھۆسىننى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە بەل-قورساقنى ئورۇقلىتىشتا كۆرۈنەرلىك رولى بار، ياز كۈنى بىر قاچا قارا مور سوغۇق سەي بەدەن ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ.
3. تەكىيە كاۋا
ياز كۈنلىرى بولسا تەكىيە كاۋا ئېستىمال قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەكىيە كاۋا بەلنى ئورۇقلىتىشتا ناھايىتى پايدىلىق، يەنە ئۈچەينى سىلىقلاپ زەھەرنى تازىلايدۇ، ياغلارنىڭ يېغىلىپ قىلىشىدىن ساقلايدۇ.
4. چىچەكسەي
چىچەكسەي بولسا راكقا قارشى تۇرغۇچى كۆكتات، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن C ، ئاقسىل بولۇپ ياز كۈنلىرى تېرىنى قوغدايدۇ، يېمەكلىك تالالىرى بەدەننى ئورۇقلىتىپ ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا يادەم بىرىدۇ.
5. تېرىق
بەش خىل ئاشلىق بولسا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېمەكلىك، تېرىق بولسا قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك، تالغان ۋە ئاشقازانغا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بار، قورساقتىكى ياغلارنى ئازايىتىدۇ.
6. مايمۇن شاپتۇل
مايمۇن شاپتۇل تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن C بولۇپ، ياز كۈنلىرىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق يېمەكلىك، تېرىنى ئاقارتىدۇ، ناھايىتى ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان كىشىلەر ھەركۈنى بىر تال مايمۇن شاپتۇل ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
7. كۆممىقوناق
كۆممىقوناق تەركىبىدە مول ۋىتامىن E ۋە يېمەكلىك تالالىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىدۇ، يەنە ئورۇقلاشقا ياردەم بىرىدۇ.
8. قېتىق
قېتىقنىڭ بەدەننى ئورۇقلىتىدىغىنىنى كۆپ كىشىلەر بىلىدۇ، لىكىن قانداق ئىچسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ قېتىققا ئازراق ھەسەل ياكى بانان قوشۇپ ئېستىمال قىلسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. يەنە ئۈچەينى سىلىقلاپ بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.
بۇ يەرنى بېسىڭ