ئالۇچىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلىۋېلىڭ

文摘   2024-11-05 22:35   新疆  


  ئالۇچىنىڭ شىنجاڭدا سېرىق ۋە قىزىلدىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە قەنت، ئالما كىسلاتاسى، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار بار . تەبىئىيىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ، سەپرادىن بولغان قىزىتمىنى ياندۇرۇش، قۇرۇق ئىسسىقنى پەسەيتىشتەك روللارغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالۇچىنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، خىلىتلارنى تەڭشەپ، قىزىل، چېچەك، كېزىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈپ، تەشنالىقىنى باسىدۇ. ئالۇچىدىن شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان سىل كېسەللىكلىرى، ئۇيقۇسىزلىق، جىگەر قېتىشىش، يۈرەك قان تومۇش كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ. يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ. سالامەتلىكى يېڭىدىن ئەسلىگە كەلگەن كىشلەر ئىستېمال قىلسا، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ مىجەزنى ياخشىلايدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 


بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章