... ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ھىندىستاننىڭ بىر چەت كەنتىدە ياشايدىغان سەككىز ياشلىق ئوماق قىز بونىتانىڭ دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئانىسىنىڭ كۆز يېشى قۇرۇماي تۇرۇپلا كىشىلەر بۇ گۆدەك قىزغا ئەلچىلىككە كىرگىلى تۇرىدۇ. بونىتانىڭ ھاممىسى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بىچارە سىڭلىسىنى قارغىشقا ئۇچراپ تۇل قالغان دەپ ھاقارەت قىلغىنى يەتمىگەندەك، سەككىز ياشلىق بونىتانى تېزراق كۆزدىن يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، يالغان شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن بونىتانى ياتلىق بولۇشقا ئەيۋەشكە كەلتۈرىدۇ. كىچىككىنە بۇ قىزچاق راستىنلا ھاممىسىنىڭ سۆزىگە ئالدىنىپ، باشقىلارغا بالا كېلىن بولۇپ ئولتۇرارمۇ؟ بونىتانىڭ تويدىن كېيىنكى ھاياتى قانداق بولار؟