بۇنى يىگەنلىك كۈندە5تال ھامىلدارلقتىن ساقلىنش دورىسى يىگەنگە تەڭ

文摘   2024-11-04 21:17   新疆  

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىستىمال قىلىنىدىغان تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنىڭمۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلاش رولى بار.


بىرىنچى، سەۋزە: سەۋزە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاروتىن، ۋىتامىن ھەم بەدەنگە پايدىلىق باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار. يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاياللار سەۋزىنى كۆپ ئىستىمال قىلسا، بەدەنگە سۈرۈلگەن كاروتىن ھەيزنى توختىتىپ، تۇخۇمداننىڭ نورمال تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىكەن. 

ئىككىنچى،قەھۋە: تەتقىقاتچىلار ھامىلدار بولۇشنى خالايدىغان 104 ئايالنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەھۋەنىڭ ھامىلدارلىققا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.ھەركۈنى بىر ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتى قەھۋە ئىچمەيدىغان ئاياللارنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن. 

ئۈچىنچى، سامساق: سامساقنى كۆپ ئىستىمال قىلسا روھلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىسپىرما ئۆلتۈرۈش رولى بار ئىكەن. 

تۆتىنچى، كۇلى بېھىسى: كۇلى بېھىسى تەركىبىدە پاپائىن گىدرولىزى بار بولۇپ، ئۇ كېتون بىلەن ئۆز-ئارا رېئاكسىيەلىشىپ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

بەشىنچى، ئىسپىرت: ئىسپىرت ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز توختاش، تۇخۇم ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. 

ئالتىنچى، كەرەپشە: تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ئەرلەر كەرەپشىنى كۆپ يېسە تېستوستىرون شەكىللىنىشنى چەكلەپ قويىدىكەن. شۇنداقلا ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرۈش،ئىسپىرما مىقدارىنى ئازلىتىش رولى بار ئىكەن.تېنى ساغلام پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى بولغان ياش ئەرلەر ئۇدا نەچچە كۈن كەرەپشە يېسە، ئىسپىرمىنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

سىزنىڭ قوللىشىڭىز، ئىلھامىڭىز ۋە ياقتۇرۇشىڭىز بىزنىڭ ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز. مەزمۇنلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويغايسىز. سالونىمىز ئەسلى مەزمۇنى كۆچۈرمەڭ . تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقىغا، ساغلاملىقىغا ۋە ئۈمىدۋار ياشىشىغا سەۋەپچى بوپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس. ئاكتىپ ئىنكاسلىرىڭىزنى كۈتىمىز.

قوللاپ ھارمىسىڭىزلا يوللاپ ھارمايمىز

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章