سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئاسان ھەزىم قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان 18 خىل ئامىنو كىسلاتا، ۋېتامىن A~B~C قاتارلىق 8 خىل ۋېتامىن ۋە فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق 10 نەچچە خىل تەبىئىي مېنىرال ماددىلار بار. يەنە تەركىبىدە سېلېن ئېلېمېنتى ۋە سىئانىدىن بار بولۇپ، سىئانىدىن 100 خىلدىن ئارتۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش رولىغا ئىگە.
1. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ- سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، دائىم سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ يەپ بەرسە، ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
2. ئاشقازان-ئۈچەينى ياخشىلايدۇ- سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە سېللۇلوزا مول ئىنتايىن بولۇپ، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بىرىدۇ.
ئۈچەي بوشلۇقىدا تۇرۇپ قالغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، يىغىلىپ قالغان گاز ۋە چىرىگەن زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاشقازان- ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
3. راك كېسىلىگە قارشى تۇرىدۇ- سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇدا سېلېن ۋە تۆمۈر ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئادەم بەدىنىنىڭ چارچاشقا، قېرىشقا تاقابىل تۇرىدۇ، قان تولۇقلاشتىكى زۆرۈر ئېلېمېنت، بولۇپمۇ سېلېن «راكقا قارشى تۇرۇش شاھى» دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ، قان زەردابىدا ساقلىنىپ يۈرەك مۇسكۇلىنى ياخشىلاپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.
4. جىگەرنى ئاسرايدۇ- نۇرغۇن ئەرلەر دائىم ھاراق ئىچىپ تاماكا چېكىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، ئازراق سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ يەپ بەرسە، جىگەردىكى ئىسسىقنى تۆۋەنلىتىپ، سالامەتلىكنى ئاسراپ جىگەرنىڭ ئىقىتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
5. ئورۇقلاشقا ياردەم بىرىدۇ- سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتىكى گۈرۈچ تامىقىغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن، ماي تەركىبى تۆۋەن، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولغان ياخشى يېمەكلىك، شۇڭا سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ يەپ بەرسە ئورۇقلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
6. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ- سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شىلىمشىق ئاقسىل بار بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرىنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.