دىئابىت بىمارلىرى سەۋزە ئىستىمال قىلسا بولامدۇ

文摘   2024-10-28 22:53   新疆  



دىئابىت بىمارلىرى سەۋزە ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟


دىئابىت بىمارلىرى سەۋزە ئىستىمال قىلسا تامامەن بولىدۇ. دىئابىت بىمارلىرى سەۋزە ئىستىمال قىلسا، بەدەندىكى ئېھتىياجلىق بولغان تاماق تالالىرىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق، يەنە B تۈرىدىكى كاروتېن بار بولۇپ، بىمارلارنىڭ قەۋزىيىتىنى يېنىكلىتىدۇ.

سەۋزە كۆكتات تۈرىدىكىلەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ، دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يىمەك- ئىچمەك پىرىنسىپلىرى ئىچىدە سېرىق، يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە دىئابىت بىمارلىرى سەۋزە يېسە، دىئابىت بىمارلىرىنىڭ كۆزىگىمۇ پايدىلىق، چۈنكى B كاروتېننى تولۇقلاش كۆزنى تېخىمۇ روسەنلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. ئەمما، سەۋزىنى باشقا كۆكتاتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قەنت تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى. 

شۇڭا، ئۇنى يىگەندە مىقدارىنى كونترول قىلىپ، بىر قېتىمدىلا كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش، باشقا يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىن (مەسىلەن، تەرخەمەك، ئوسۇڭ، چىڭسەي، بەسەي) ئارلاشتۇرۇپ يېيىش كېرەك. ھەر كۈنى 500 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章