نۇرغۇن كىشىلەردە قۇلاق غوڭۇلداش ۋە قۇلاق ياللۇغى ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە بۇ قۇلاق غوڭۇلداش ھېسابلانمايدۇ، لېكىن قۇلاق غوڭۇلداشنى داۋالاتمىسا، ئۇنىڭ زىيىنىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئۇزۇن مۇددەت قۇلاق ياللۇغى ۋە قۇلاق غوڭۇلداش ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر دەرىجىدە قۇلاق غوڭۇلداش يەنە ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، تەشۋىشلىنىش، شۇنىڭدەك ئىچكى ئاجراتما ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1. چامغۇر سۈيىگە ھەسەل ياكى بادام يېغىنى قوشۇپ ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ياللۇغى ۋە قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. تۇخۇم ئېقىنى ياكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سۈتىنى تەڭ مىقداردىكى گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئىلمان ھالەتتە قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. كالا يىلىكىنى يەرلىك ئورۇنغا چاپسا پايدىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كونا سېرىقماينى ئىلمان ھالەتتە قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
1. قۇلاق يىرىڭلىق چاقىسى- قۇلاق ئىچىگە ۋە قۇلاق تۆشىكى ئەتراپىغا يىرىڭلىق چاقا چىققانلىقىغا قارىتىلغان.
1. كالا ئۆتىنى ھەسەلگە قوشۇپ، پاكىز داكىنى چىلاپ پىلتە تەييارلاپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە قۇلاقنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئاچچىق ئانار سۈيىنى ھەسەل بىلەن قاينىتىپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
2. قۇلاق ئاقمىسى- قۇلاق ئىچىگە ھەرخىل يىرىڭلىق چاقىلار چىقىپ، ساقايماي ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، يىرىڭ سېرىق سۇ ئېقىپ تۇرۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
1. قوينىڭ پاچىقىنى ئوتتا قىزىتىپ، تۇيىقىنى چىقىرىپ، تۇياقتىن چىققان ھورىنى قۇلاققا تۇتۇپ ھورداپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
1. قۇلاق قىچىشىش- قۇلاق تازىلىقى ياخشى بولماسلىق، يەللىك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، نورمالسىز بەلغەمنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك.
1. تۇرۇپ يۇپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىلمان ھالەتتە قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
2. ئاچچىق بادام يېغى ياكى بابۇنە يېغىنى ئىلمان ھالەتتە قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3. پاختىدىن پىلىك ياساپ ئېرىتىلگەن ھەسەلگە چىلاپ قۇلاق تۆشۈكىگە تىقىپ قويسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
1. قۇلاق غۇڭۇلداش- قۇلاققا ھەرخىل غۇڭۇلدىغان غەيرىي ئاۋازلار ئاڭلىندىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ،ئۇ ئىچكى تەرەپتىكى ھاۋا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
1. كۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقرىپ سۈيىگە گۈل يېغى، سىركە قوشۇپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق غوڭۇلداشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. پىيازنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئىچىدىكى جاراھەتلەرگە، قۇلاق غوڭۇلداشقا ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا شىپا بولىدۇ.
3. تۇرۇپ سۈيىنى گۈل يېغى ياكى بادام يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. قوي پاچىقى بىلەن كالا پاچىقىنى پاكىز يۇيۇپ ياخشى پىشۇرۇپ دائىم يەپ بەرسە، قۇلاق غوڭۇلداش ۋە قۇلاقنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇ رېتسېپلار پايدىلىنىش ئۈچۈن سۇنۇلدى. لېكىن قۇلاق كېسەللىكىگە سەل قارىماي ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ داۋالىنىڭ.