نېمە ئۈچۈن بەزىلەر جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟
جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش دېگىنىمىز جىنسىي ئالاقە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت بولۇپ، بۇ جىنسىي ئالاقە ئەڭ ئەۋجىگە چىققاندا كۆرۈلۈپ، جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىنكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاندىكى ماگنىي تۆۋەنلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدىغان دىگىتالىس تۈرىدىكى دورىلارنى ۋە دىھىدروخلوروتيازىد، فۇرۇزېمىد قاتارلىق سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە قاندىكى ماگنىي تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، كۈچلۈك ھەرىكەت ۋە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرمۇ بەدەندىكى ماگنىينى كۆپلەپ خورىتىدۇ ھەم ئادەتتە مايلىق گۆشلەرنى يېيىشلەرمۇ ماگنىي يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ، قاندا ماگنىي تۆۋەن بولغاندا يۈرەك مۇسكۇلىدىكى ئېلېكترولىتلار تەڭپۇڭسىزلىنىپ، يۈرەك دالانچىسى تىترەشتىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.
ئىسپاتلىنىشىچە، جىنسىي ئالاقە تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى باشقىلار بىلەن يوشۇرۇن جىنسىي ئالاقە قىلىدىغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى ھەقىقىي ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى لەززەتلىك جىنسىي ئالاقىگە قارىغاندا، ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئوغرىلىقچە قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئادەمنى قاتتىق جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكتىن قاندىكى كاتېخولامىن تۈردىكى ماددىلارنىڭ كۆپلەپ قويۇپ بېرىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوغرىلىقچە قىلىنغان جىنسىي ئالاقىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىنمۇ ئېغىر بېسىمى بولىدۇ.
جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. لېكىن بۇنداق جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى ساغلام ئادەملەر ئىچىدىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر جىنسىي ئالاقە جەريانىدا باش قاتتىق ئاغرىش ياكى يۈرەك ئەتراپىدا يېقىمسىزلىش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرسا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك، بىر قىسىم مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى بار كېسەللەر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا باش ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش، ئۆمۈچۈك تور پەردە ئاستىغا قان چۈشۈپ، ھاياتى خەتەر ئىچىدە قېلىش ئەھۋاللىرى ئاسان پەيدا بولىدۇ.
تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى بارلار بالنىستتىن چىققاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالى جىنسىي ئالاقىگە يار بەرمىگۈچە جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك.
چارچىغاندا جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ سەپەردىن قايتىپ كېلىپ ئۇخلاپ ھاردۇقى چىقمىغۇچە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ، جىنسى ئالاقە قىلىپ بولۇپ بىردەم ئارام ئېلىپ يېتىش كېرەك، ھەرگىزمۇ دەرھاللا يۇيۇنۇشقا، تەرەت قىلىشقا، تاماق يېيىشكە ياكى جىنسىي ئەزانى يۇيۇشقا بولمايدۇ.
تويغۇچە تاماق يېگەندىن كېيىن ياكى ھاراق ئىچكەندە، قەھۋە ئىچكەندە، تاماكىنى بەك كۆپ چېكىۋەتكەندە دەرھال جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا يۈرەكنىڭ سېلىقى ئېشىپ كېتىدۇ.
جىنسىي تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ تىنچ، راھەتلىك، سالقىن بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەت، بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق ياكى ئالاھىدە مۇھىتلارنىڭ نېرۋىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ قويۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
جىنسىي ئالاقىنى زىيادە كۆپ قىلماسلىق كېرەك، جىنىسىي ئالاقىنى تىزگىنلەش ئۇسۇلى پىسخولوگىيەلىك تەلەپنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن جىنسىي ئالاقە ۋاقتىنى ھەددىدىن زىيادە ئۇزارتىۋەتمەسلىك كېرەك، ئەگەر سالامەتلىكى ياخشىلانغىنىغا ئۇزۇن بولمىغانلار بەك ئالدىراپ كەتسە، بىر قىسىم جىنسىي ھەۋەسنى قاندۇردىغان ھەرىكەتلەردىن مەسىلەن، قۇچاقلاش، سىيلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېقىپ، يېقىمسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمسە، ئاندىن جىنسىي ئالاقە قىلىش كېرەك.
ئەگەر جىنسىي ئالاقە جەريانىدا دېمى سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، تاسادىپىي ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جىنسىي ئالاقىنى دەرھال توختىتىش كېرەك. يۈرەك سانجىقى بارلار يۈرەك سانجىقى قوزغىلىپ قېلىش ئېھتىمالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن بۇرۇن نىتروگلىتسېرىن ياكى نېفىتىبىن(消心疼) قاتارلىق دورىلاردىن ئازراق ئېستىمال قىلىۋېلىش كېرەك.