تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى

文摘   2024-10-26 23:11   新疆  


 
 

ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ بەدىنىدىكى بۇ ئىككى ئورۇن قارىداپ، مەينەت بولۇپ كېتىدۇ.

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۆپكە راكى بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 591 مىڭ ئادەم ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. بۇ ھەر مىنۇتتا تەخمىنەن بىر ئادەم ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بىلەن باراۋەر بولۇپ، بىر كۈندە نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىكەن. كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى قانۇنىيەتسىز بولۇش، ئۇزۇن مەزگىل تۈنەش، خىزمەت بېسىمى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامىللار ئۆپكە ۋە قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرت، ئەڭ ئاساسلىق ئامىلى تاماكا چېكىش.

تاماكا چېكىش ئادەمنىڭ ئۆپكىسى ۋە قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، تاماكىدىكى كوكس مېيى ئادەمنىڭ ئۆپكىسىنى مەينەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە قان تومۇرلارنىڭ قېتىشى، سپازمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە ۋە قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرىنى قانداق تۆۋەنلىتىشى كېرەك؟


1. تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ئۆپكە ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئورنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆپكىنىڭ سۈزۈش رولى بولۇپ، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىنى بەلگىلەيدۇ. تاماكا چېكىش ئۆپكىنىڭ سۈزۈش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، زىيانلىق ماددىلارنى ئۆپكە ئەتراپىغا چاپلاشتۇرۇپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئۆپكە ئاسانلا قارىداپ مەينەتلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالاقىدار تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىر كۈندە بىر قاپ تاماكىنىڭ مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، نورمال ئەھۋالدا، ئادەتتە ئۈچ يىلدا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكىسى قارىداپ كېتىدۇ. ئاز ساندىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ 1 ~ 2 يىلدا ئۆپكىسى قارىداپ كېتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى شەخسنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە تاماكا سۈپىتىگە باغلىق.


ئۆپكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى:

تېرىسى ساماندەك سېرىق، يىرىك، تۇتۇق، ھەتتا دات رەڭلىك. تەر تۆشۈكچىلىرى توم، پارقىرىمايدۇ. دائىم يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، ھەتتا بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكىگە بولغان ناچار تەسىرىنى پەسەيتىپ، ئۆپكە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كەلسە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن تەڭشەشكە بولىدۇ:

1. سۇنى كۆپ ئىچىش، چاينى كۆپ ئىچىش، سۇ تەركىبىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆپكىنى سىلىقلاپ زەھەرنى تازىلىغىلى، ئۆپكىنى يۇغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مامكاپ، شاقاقۇل، ئەتىرگۈل، جۇخارگۈل قاتارلىقلاردا دەملەنگەن چايلار.

2. چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ھەرىكىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ئۆپكىدىكى ھاۋا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھاۋا ئارقىلىق ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ، ئۆپكىنى تازىلاش كېرەك.


3. خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش


4. دۈمبىسىنى كۆپرەك تۇتۇپ، دۈمبىدىكى ئۆپكە پەللىسىنى بېسىپ بېرىش


تاماكا چېكىشنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

تاماكا چېكىش قان تومۇرلارنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس، تاماكا كۆيگەندە كۆپ مىقداردا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، ئىس-تۈتەك بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشقا كىرىپ، قان تومۇر ئىچكى پوستىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش خولېستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ، قان تومۇرلارنى توسۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ، قان ئۇيۇش خاھىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاسانلا قان نوكچىسى پەيدا قىلىپ، قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، قان تومۇرلار زەخىملىنىپ، پۇت تومۇرى ئاجىزلىشىدۇ. بىلەك دائىم ئۇيۇشۇپ، تۇيۇقسىز نەرسىلەرنى تۇتالمايدۇ؛ قان تومۇرلار بۇلغىنىپ، قان قويۇقلىشىپ، ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئوكسىگېن توشۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا مۈگدەپ قالىدۇ. ئەگەر تاماكا چېكىشنىڭ قان تومۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ناچار تەسىرىنى ئىمكانقەدەر يېنىكلىتىشنى ئويلىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن تەڭشىسىڭىز بولىدۇ:


1. ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش

قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.


2. كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش

3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش:

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى توكسىننى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشقا پايدىلىق.

مەسىلەن: پۇت ھەرىكىتى، پۇت ئوشۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىنى كۈچەيتىپ، قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

 

بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章