شەھۋانىيلىق ساغلاملىقنى خورىتىدىغان ساختا ھاياجاندىن ئىبارەت
ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن. شەھۋانىيلىقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە؛ شەھۋانىي مەزمۇنلارنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئادەم ۋاقىتلىق ھاياجانلىنىدۇ ۋە بۇ جەرياندىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئەمما، بۇ ئادەم بەدىنىگە تۆۋەندىكىدەك توققۇز خىل تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
1. ئاسانلا تېرىككەك، بىئارام بولۇش، چۈشكۈنلىشىش؛
2. بارغانسېرى غېرىبسىنىش ھېس قىلىش؛
3. ھەمىشە باشقىلارنى جىنسىي جىسىم دەپ قارايدىغان تۇيغۇ شەكىللىنىش؛
4. تۇرمۇشتىكى مۇھىم ئامىللارغا سەل قاراش؛
5. جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش؛
6. جىنسىي ھەمراھىنى رازى قىلالماسلىق؛
7. ئۆزىنى بەك ناچار ھېس قىلىش؛
8. بەزى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرگە ئۇرۇنۇش؛
9. شەھۋانىيلىققا خۇمار بولۇش.
يۇقىرىقى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك، شەھۋانىي فىلىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت شەخسىي پىسخىكا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدا ئىپادىلىنىدۇ. شەھۋانىيلىق شەخسنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئىچكى ھېسسىياتى، شۇنداقلا شەخسنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ھەر قانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، شەھۋانىيلىقنىڭ سىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى قانچە كۆپ بولسا، شەخسنىڭ شەھۋانىيلىقنىڭ تەسىرىگە شۇنچە ئۇچرىغانلىقى، شەھۋانىيلىقنى داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا، شەخسنىڭ شەھۋانىيلىققا بولغان «خۇمار بولۇش» دەرىجىسى ئۇنچە ئېغىر بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا شەھۋانىيلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە ئۇچرايدۇ.
شەھۋانىيلىققا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشى ناھايىتى تەس، سەۋەبى، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەھۋانىيلىقنى تاشلاش جەريانى ئىنتايىن قىيىن. نۇرغۇن كىشىلەردە شەھۋانىيلىقنى تۈگىتىش جەريانىدا، خاتىرجەمسىزلىنىش، خامۇشلۇق، ئۇخلاش تەس بولۇش، تېرىككەك، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، قاتتىق ئىرادە ۋە مۇۋاپىق كۈتۈنۈپ داۋالىنىشنىڭ ياردىمى بولمىسا، شەھۋانىيلىقنى يېڭىش جەريانى قىيىنلىشىدۇ.
تىخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە ھاسىل قىلماقچى بولسىڭىز دەرىسخانىغا كىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ