ئارگىنال سالونى تەييارلىدى:
1982- يىلى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان چوڭ ۋەقە يۈز بەردى، ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى مىسىرغا رەسمىي قايتۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغىلى 15 يىل بولغانىدى. بۇ ئىش پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى. سىناي يېرىم ئارىلى زادى قانچىلىك مۇھىم، ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟
سىناي يېرىم ئارىلى غەربىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 61 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتىشىدىغان بىردىنبىر يول ھېسابلىنىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا دېڭىزدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان دېڭىز ترانسپورتىدا سىناي يېرىم ئارىلى ئارقىلىق توشۇلاتتى. سۇۋەيىش قانىلى ئېچىلغاندىن كېيىن، سىناي يېرىم ئارىلى بىلەن مىسىر زېمىنى ئايرىۋېتىلدى. سىناي يېرىم ئارىلىنى ئىگىلىۋالسا، دۇنيادىكى بىرىنچى دېڭىز بوغۇزى توسۇلۇپ قالىدۇ. سىناي يېرىم ئارىلىنى دۇنيا قاتنىشىدىكى« تۆت كوچا ئېغىزى» دېيىشكە بولىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىناي يېرىم ئارىلىمۇ ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە. ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت زېمىنىنىڭ ئىككى تەرىپى دېڭىزغا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ غەرب تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزغا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئېرات ياكابا قولتۇقىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ، ياكابا قولتۇقى دىلاڭ بوغۇزى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىسىر ئىسرائىلىيىنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ سۇۋەيىش قانىلى ۋە دىران بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى چەكلىدى، بۇ ئىسرائىلىيىنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىدى. ئەگەر ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى ئىگىلىۋالسا، دىران بوغۇزى ۋە سۇۋەيىش قانىلىنى كونترول قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئافرىقا بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولىنى ئۈزۈپ تاشلىيالايدۇ.
ئىسرائىلىيە مىسىرنىڭ سۇۋەيىش قانىلى ۋە دىران بوغۇزىنى ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇش 1958-يىلى پارتلىغان، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە يېتەكچىلىك قىلغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى سۇۋەيىش قانىلىنى داۋاملىق كونترول قىلىش ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، مىسىر ئىسرائىلىيەنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان، خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى سۇ يولى دىلاڭ بوغۇزىنى قامال قىلمىغان. ئاخىر ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى، لېكىن مىسىرمۇ دىلان بوغۇزىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى.
1967-يىلى مىسىر باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىلىيىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بىراق، ئىسرائىلىيە ئالدىن قول سېلىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنى ئەۋەتىپ مىسىرنىڭ ئاساسلىق ئايرۇدۇرۇملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ئالتە كۈندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولدى. ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىنتايىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، ھاۋا ئارمىيەسىلا ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىلىپ قالماستىن، نۇرغۇن زېمىنمۇ قولدىن كەتتى. ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئىسرائىلىيە پۈتكۈل پەلەستىننى ئىشغال قىلىپلا قالماستىن، يەنە سىناي يېرىم ئارىلى ۋە گولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلغان. بۇ چاغدا ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت زېمىنى كۆلىمى 60 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ، تارىخنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پاسسىپ ۋەزىيىتىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرگەن ئىدى.
مەغلۇبىيىتىگە تەن دۆلەتلەر ئىسرائىلىيە، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 1973-يىلى 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. مىسىرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سىناي يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش، سۇرىيەنىڭ بولسا گولان ئېگىزلىكىنى قايتۇرۇۋېلىش. لېكىن، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ئەرەب ئەللىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئىسرائىلىيە قوشۇنى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىپلا قالماي، دەمەشق بىلەن قاھىرەگە يېقىنلاشتى. ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىسرائىلىيە ئۇرۇشنى توختاتتى.
تۆتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. مىسىر ئىسرائىلىيەنى يوقىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. سىناي يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، مىسىر زۇڭتۇڭى سادات 1977-يىلى ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، مىسىر ئىسرائىلىيە بىلەن قارشىلاشمايدۇ، ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە 1982-يىلى سىناي يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن.
ئۇنداقتا ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىپ زىيان تارتتىمۇ ياكى پايدا ئالدىمۇ؟ ئىسرائىليە ئەلۋەتتە زىيان تارتىدىغان سودىنى قىلمايدۇ بىرىنچىدىن، سىناي يېرىم ئارىلى ئەسلىدە ئىسرائىلىيىنىڭ زېمىنى ئەمەس ئىدى، دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيىنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنى ئۇزاق مۇددەت بېسىۋېلىشىغا قارشى تۇراتتى. ئىككىنچى، ئەگەر ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى داۋاملىق ئىگىلىۋالسا، مىسىر ئۇرۇش قوزغاپ، ئىسرائىلىيەنى مۇقىم تەرەققىياتقا ئىگە قىلالمايدۇ. بىر دۈشمەننى كۆپەيتكەندىن كۆرە، بىر ئەشەددىي دۈشمەننى ئازايتقان ياخشى. ئۈچىنچى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ.
دەرۋەقە، كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، مىسىر ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى تېزلا قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. 1981-يىلى مىسىر زۇڭتۇڭى سادات پاراتتا قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى. شۇنىڭدىن ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلىشىپ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. 1982- يىلى 5- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى، لېكىن بۇ ئۇرۇشقا پەقەت لىۋانلا قاتناشتى، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشنى تاللىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىمىدى.
1994- يىلى ئىئوردانىيە ئىسرائىلىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىئوردانىيە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىككىنچى ئەرەب دۆلىتى بولۇپ قالدى. ھازىر ئىسرائىلىيە يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. كەلگۈسىدە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تارىخنىڭ يۈزلىنىشى. مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىشى قاتتىق قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ، تارىختا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى.
شۇڭا، ئىسرائىلىيە پايدا ئالدى، ئىسرائىلىيە ئەسلىدىنلا ئۆزىگە تەۋە بولمىغان زېمىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق تىنچلىق ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
مەزمۇن كۆرۈپ بۇلۇپ ئېلان چىكىش ياخشى ئادەت ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ