تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
يىگىرمە بىرىنچى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ئاستا ئاستا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتىن يىراقلاشماقتا . ھازىرقى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ، روسىيە ، جوڭگۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . باشقا دۆلەتلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەر بار، بۇ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە چۇقۇم تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈچ دۆلەت بار . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ . ھەتتا ئامېرىكىمۇ ئۇلارغا چېقىلىشقا پېتىنالمايدۇ
بىرىنچىسى ۋيېتنام
ۋيېتنامغا ئاسانلىقچە چېقىلغىلى بولمايدىغىنىنى، تارىخ ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ . ئىلگىرى ، ئامېرىكا 700مىڭ ئەسكەر بىلەن ۋيېتنامغا ئۇرۇش قوزغىغان ، ئەسلىدە قورال ياراغ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئۇرۇشنى ناھايىتى تېزلا ئاياغلاشتۇرماقچى بولغان . نەتىجىدە ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشنى 20 يىلدىمۇ تۈگىتەلمىگەن . ھەتتا ، ئامېرىكا ئىقتىسادىي 10 يىل كەينىگە دەسسەپ كەتكەن . ئەڭ ئاخىرىدا ، ئامېرىكا ئىقتىسادىي بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان . ۋېيتنام ئۇرۇشىدا ئامېرىكا جەمىي 300 مىليارد دوللار چىقىم قىلغان .360 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى قۇربان بولغان ياكى يارىلانغان . ۋيېتنام ناھايىتى كىچىك دۆلەت بولسىمۇ ، ھەمدە قورال ياراغلىرى ئامېرىكىنىڭكىگە يەتمىسىمۇ ، بىراق بۇ دۆلەت ناھايىتى جاھىل دۆلەت . ئەلۋەتتە ، ۋېيتنامنىڭ مۇرەككەپ بولغان يەر شەكلىمۇ ئامېرىكىنىڭ غەلبە قىلىشىغا ناھايىتى چوڭ توسالغۇ بولغان
ئىككىنچىسى ئافغانىستان
تارىختا قانچىلىغان قۇدرەتلىك دۆلەتلەر، ئافغانىستاندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى كۆپچىلىككە ئايان . دەسلەپتە قۇياش پاتماس ئىمپېرىيە ئەنگلىيە ئافغانىستاندا مەغلۇپ بولغان، ئارقىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئافغانىستاندا مەغلۇپ بولغان . ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىمۇ ئافغانىستاندا نەچچە ئون يىللىق ئۇرۇش پاتقىغا پېتىپ قالغان . ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا سەرپ بولغان ئىقتىسادىمۇ ناھايىتى زور . بۇ بىر بۆلۈك تارىخ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئافغانىستانمۇ ئاسانلىقچە چېقىلغىلى بولىدىغان دۆلەت ئەمەس . ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئافغانىستاننىڭ مۇرەككەپ يەر شەكلى ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بۇ ئىككى شەرتتىن بىر كەم بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ
ئەڭ ئاخىرقىسى ئىسرائىلىيە
نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ئاسانلىقچە چېقىلغىلى بولمايدۇ دەيمىز ؟ ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى پەقەت 25مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ، بىراق نوپۇسى 8 مىليونغا يېتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ قالايمىقان رايونغا جايلاشقان . ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەتراپىنى پۈتۈن ئەرەب دۇنياسى قاپلاپ تۇرىدۇ، بىر نەچچە قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ، بىزگە نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ئاسانلىقچە چېقىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ
بۇ ئۈچ دۆلەت ئىچىدە، يەنىلا ئافغانىستانغا ئاسانلىقچە چېقىلغىلى بولمايدۇ . كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئافغانىستاندىن باشقا ئىككى دۆلەت ئىلگىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ ياردىمىگە نائىل بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ۋېيتنامغا جوڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان، ئىسرائىلىيەگە بولسا ئامېرىكا ياردەم قىلغان . بىراق ، ئافغانىستاننىڭ ھېچقانداق يۆلەنچۈكى يوق . شۇنداق تۇرۇقلۇق، دۇنيادىكى ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنى ۋەيران قىلىۋەتكىلى تاس قالغان، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىمۇ، ئافغانىستان ئۇرۇشىدا غايەت زور بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە 20 تىرىليون دوللار قەرزنى ئارتىۋېلىشىدىمۇ ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى بار